بىر پىلان ئىككى خىل چۈشەندۈرۈلگەچكە، ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى يەنە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى

ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىران بىلەن 2 – ئاپرېل شىۋېيتسارىيەنىڭ لائوسان شەھىرىدە ئىران يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئاخىرىقى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنىڭ رامكا خاراكتېرلىك ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئىران يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى. جامائەتچىلىك شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، ئەسلىدە ‹‹ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىش›› توغرىسىدىكى بۇ پىلاننى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئىككى خىل چۈشەندۈردى، بۇ ئىران يادرو سۆھبىتىنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغاچقا، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش – قىلالماسلىقى يەنە گۇمان پەيدا قىلدى.
بىرىنچىدىن، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشىدە ئازراق پەرق كۆرۈلدى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئورتاق ھەرىكەت پىلانى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولى بولۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت پىلانىدا ‹‹ئىران قوشۇلغان›› دېگەندەك سۆزلەر قايتا – قايتا تىلغا ئېلىنىپ، كىشىلەرنى ئىران خەلقئارا جەمئىيەتكە كونكرېت ۋەدە بەرگەندەك چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويدى.
ئىككىنچىدىن، ئىراننىڭ يول قويغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارغا كەلسەك، پىلاننىڭ ئىران نۇسخىسىدىكى چۈشەندۈرۈش ئامېرىكىنىڭكىدىن كۆپ ئاددىي بولدى، ھەتتا بەزى مەزمۇنلار گەۋدىلەندۈرۈلمىدى. مەسىلەن: ئامېرىكا تىلغا ئالغان ‹‹ئىران 15 يىل ئىچىدە يېڭىدىن ئۇران قويۇلدۇرۇش ئەسلىھەسى قۇرماسلىققا قوشۇلدى››، ‹‹ئىراننىڭ داۋاملىق ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىلگەن 5060 ئۇران قويۇلدۇرۇش سېنترىفۇگى چوقۇم 1 – ئەۋلاد سېنترىفۇگ بولۇشى كېرەك››، ‹‹ئىران ئاراك ئېغىر سۇ رېئاكتورىنى قايتىدىن لايىھەلەش ۋە قۇرۇش، ئىلگىرىكى رېئاكتورىنى كۆيدۈرۈۋېتىش ياكى باشقا دۆلەتكە يۆتكەپ كېتىشكە قوشۇلدى›› قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىران تىلغا ئالمىدى.
ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ھالقىلىق ئۇقۇملارنى شەرھلىشىدە پەرق بار. مەسىلەن: ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ قوشۇمچە ماددىسىنى ئىجرا قىلىشى توغرىسىدىكى مەزمۇننى ئىران ‹‹ئىختىيار قىلىش ۋە ۋاقىتلىق››، دەپ شەرھلىدى؛ ئامېرىكا بولسا ‹‹مەڭگۈلۈك›› دەپ شەرھلىدى؛ ئىقتىسدىي جازا ھەققىدە توختالغاندا، ئىران ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا بارلىق ئىقتىسادىي، پۇل مۇئامىلە جازاسىنى دەرھال توختىتىدىغان بولدى، دەپ شەرھلىدى؛ ئامېرىكا بولسا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىراننىڭ ئالاقىدار ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى دەلىللىگەندىن كېيىن، جازانى توختىتىپ تۇرىدۇ، ئەمما جازانى تەلتۆكۈس ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا نەچچە يىل كېتىدۇ، دەپ شەرھلىدى.
‹‹بىر پىلاننى ئىككى خىل شەرھلەش›› مەسىلىسى ئىراندىكى كونسېرۋاتىپلارنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىدى.
ئىران فارس ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىلىي خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شەرھلىشىدە پەرق چوڭ، ئىران سۆھبەت ۋەكىللىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئىنكار قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىشى كېرەك. كونسېرۋاتىپلاردىن بولغان ئالىم، تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى ماراندى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىراننىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەيدانىنى بۇرمىلىدى، بۇنىڭغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن پارلامېنتنى كونترول قىلغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي كۈرەش سەۋەب بولدى. ئەگەر ئامېرىكا پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمىسە، كەلگۈسىدە سۆھبەت تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ.
ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف 4 – ئاپرېل كەچ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت پىلانى ئانچە توغرا ئەمەس، بارلىق ماددىلار كەلگۈسى ئۈچ ئايدا بېكىتىلىدۇ، ئىران يادرودىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش شەرت، دېگەن چەكلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئەگەر ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، دەرھال ئىرانغا قارىتىلغان جازانى بىكار قىلمىسا، ئىران باشقا ماددىلارنى قوبۇل قىلمايدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: زەرىفنىڭ يۇقىرىقى ئىپادىسى شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ھېچبولمىغاندا ئىراندىكى ‹‹مۆتىدىللەر›› ئامېرىكىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت پىلانىدا يەنە نۇرغۇن ‹‹ئورتاق تونۇش››نىڭ ئاخىرىدا بېكىتىلىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى خامانەيى بىرلا كېلىشىم، جۈملىدىن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش كېرەك؛ ئىشنى كۆپەيتىپ، ۋاقىتلىق كېلىشىم ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا بولمايدۇ، دېگەندىن كېيىن، كىشىلەردە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ 6 – ئاينىڭ ئاخىرى سۆھبەت ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ھاسىل قىلىنىدىغان ‹‹ئورتاق تونۇش››ىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىقى بولۇشى كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، رامكا خاراكتېرلىك ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈلگەندىن كېيىن، ئىران يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ‹‹ئاخىرىقى نۇقتا››غا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ئاخىرىقى مۇساپىنىڭ ئەگرى – توقاي بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس.
زەرىف 3 – ئاپرېل شىۋېيتسارىيەدىن تېھرانغا يېتىپ كەلگەندە، قەھرىمانلاردەك كۈتۈۋېلىندى، ‹‹زەرىف ئوبدان قىلدىڭىز!››، ‹‹بۇ ئىران دىپلوماتىيەسىنىڭ زور غەلىبىسى››، دېگەن ماختاش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. ئەمما، خۇشاللىقتىن كېيىن ئىراندىكى ھەر قايسى ساھەدىكىلەر خامانەيىنىڭ ئاخىرقى قارارىنى كۈتۈۋاتىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن، ئۇ بۇ دۆلەتتە يادرو ئىشلىرى توغرىسىدا ئاخىرىقى كېسىم چىقارغۇچى.



خەتكۈچلەر:
12-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك سىياسى سوئال-جاۋابلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىندىياننا شىتاتىدا 3- ئاپرېل مۇھىم نامى ئاتى...
02-05-2016
    «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 29- ئاپرېل ئىرۇسالىمدا «جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەيئىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان ب...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتى كوتلاندىكى بىر قاقاس بازارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىن كەلگەن ئىمپورت ماللار كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، بۇ بازاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سودىسى ئېغىر زەربىگە ...
02-05-2016
    ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە 1-خانىم مىچېل 1-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى مارىيە (Malia Obama) نىڭ 2017- يىلى كۈزدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇشقا كىرىد...
01-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، قىرىمدا «رۇسىيە كىچىك قوغدىغۇچىسى» مېدالى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، مۇراسىمدا قىرىم گۈزەل تەپتىش ئەم...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سا...
01-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيە پادىشاھى كارىل 16-گۇستاف (Carl XVI Gustaf) شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 70 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالدى، شىۋېتسىيە خان جەمەتى ۋە پۇقرالار شۇ كۈنى پايت...
01-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، پاكىستان لاھور، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىكى پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىت...
01-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» (IS) بىلەن مۇناسىۋىتى بار خاككېرلار تەشكىلاتى تور ھۇجۇمى نىشانىنى 3000 نەپەر ئادەتتىكى نيۇيورك ئاممىسىغا قاراتقان، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئ...
01-05-2016
پىرېزىدېنت تۈزۈمى       پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ. ئىككىنچى،...
Powered by Leglek