شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 8-مارت، مالايسىيا، بىر يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى يولۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى كۇلالۇمپۇر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنىڭ قورشاپ توسۇۋېلىشىغا ئۇچرىدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر 239 يولۇچىنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلانى كۇئالالۇمپۇردىن بىيجىڭغا ئۇچۇش جەريانىدا ئاقىلىسى ئۈزۈلۇپ قېلىپ يوقاپ كەتكەن، بۇ ئايروپىلان ئەسلى 8-مارت ئەتىگەن سائەت 6:30 ئەتراپىدا بېيجىڭغا يېتىپ كېلىشى كېرەك ئىدى. ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر باياناتىدا MH370 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى سەھەر 2:40 مىنۇت ئەتراپىدا باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۇپ قالغان. بۇ ئايروپىلاندا 154 جۇڭگولۇق يولۇچى بار.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 6-مارت، ئامېرىكا نىيۇيورك، Femen كوللىكتىپىنىڭ ئەزالىرى نىيۇيورك دەۋر مەيدانىدا پۇتىنغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى، ئۇلار يېرىم يالىڭاچ پېتى رۇسىيەنىڭ بايرىقىنى يىرتىپ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوكرائىناغا ئارىلاشقانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 8-مارت، پېرۇ لىما، 9-نۆۋەتلىك يالىڭاچ ۋەلىسپىت مېنىش مۇسابىقىسى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى، ئامما يالىڭاچ ۋەلىسپىتكە مېنىپ، ۋەلىسپىت يولىنىڭ شەھەرلەردىكى بوشلۇقىنى قوغدىدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 7-مارت، ئىيوردانىيە دەرياسىينىڭ غەربىي قىرغىقى، بىر پەلەستىنلىك ئېتىراز بىلدۈرگۈچى تېنىس توپ پالىقى بىلەن ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە قايتۇرۇپ بەردى، بۇ ناھايىتى ئىجادىي بىر ئۇسۇل بولدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-مارت، بىرازىلىيە ئولىندا، بىر كارنىۋال بايرىمىغا قاتناشقۇچى كۆز قارچۇقى پولتىيىپ چىققان كۆز ئەينەكنى تاقىۋالغان.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 7-مارت، ھىندىستان ھەيدەرئاباد، ھىندىستان مۇسۇلمان ئاياللىرى مەكتەپتە چامباشلىق ماھارىتى كۆرسىتىش ئارقىلىق، خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 6-مارت، فىلىپپىن كۋېزون شەھىرى، فىلىپپىن ئەسكەرلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانىۋېرى ئېلىپ بارماقتا.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 6-مارت، ئوكرائىنا شىفىلوپور، ساقچىلار بىلەن كازاك ئەسكەرلىرى ئوكرائىنا ئاياللار ھوقۇقى كوللىكتىپى FEMENنىڭ ئەزالىرىنى قولغا ئالماقتا، FEMENنىڭ ئەزالىرى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش جېڭى ئېلىپ باردى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 3-مارت، ئاۋستىرالىيە كۋېنسلاند، بېنگال يولۋىسى Ravi بىلەن Baru نىڭ ئىككى ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنى. ئادەتتىكى ئىككى ياشلىق بالىلارغا ئوخشاش تورتنى كۆرگەندە دەرھال ئېتىلىپ يۈزلىرىنى مايمۇندەك قىلىۋالىۋالغان. تورتتىن باشقا يەنە خىزمەتچى خادىملار بۇ ئىككى ئوماق ئۈچۈن شار تەييارلىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ شارلارنى كۆرگەندە ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقتىن نەچچە مىنۇتتىلار بۇ شارلارنى ئېتىۋەتكەن.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 3-مارت، ئىسپانىيە جانالى تاقىم ئارىلى، يەرلىك ئامما ئاق رەڭ كارنىۋال بايرىمىدىن ھوزۇرلانماقتا، ئۇلار ئۆز ئارا ئۇپپا چېچىشىپ بايرام كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى بولدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 8-مارت، ئامېرىكا مارىلان ئىشتاتى، نەچچە مىڭ ئامما 18-نۆۋەتلىك شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى سۇغا سەكرەش پائالىيتىگە قاتناشتى، قاتناشقۇچىلار مۇزدەك سۇغا تاقلاپ خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن پۇل توپلىدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 6-مارت، كىنىيەدىكى ماسايمالا قوغداش رايونى، گرېتسىيەلىك فوتوگراف Kyriakos Kaziras بىر ئانا شىرنىڭ توققۇز ھەپتىلىك بولغان بالىسىنى چىشلەپ جىددىي ئېقىۋاتقان دەريادىن ئۆتۈۋاتقان كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 2-مارت، سېربىيە Lozovik، يەرلىك ئامما گۈلخاندىن سەكرەپ، ئەنئەنىۋىي بايرام Bele Poklade نى تەبرىكلىدى
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 4-مارت، ئەنگلىيە ئاشبىن بازىرىدا توۋا قىلىش بايرىمىلىق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 6-مارت، خەلقئارا ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، سانت مونىكا ئاياللار تۈرمىسىدىكى ئايال مەھبۇسلار پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 1-مارت، پاكىستان لاھوردا بىر جىنىس رىكورتى يارىتىلغان بولۇپ، 56263 پاكىستانلىق بىر ۋاقىتتا دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېڭى رېكورت ياراتقان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved