پايدىلانما سۈرەت
كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئەربابى: بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن موڭغۇلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نامبارىن ئېنخبايار يېقىندا كورىيەگە قېچىپ بېرىۋالدى، دېگەن. پەرەز قىلىنىشىچە، ئېنخبايارنىڭ قېچىپ كېتىشى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى چىرىكلىك قىلمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ئۇنىڭ كورىيەگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئالدىنقى ئايدا موڭغۇلىيەدىكى تاراتقۇلار تۇنجى قېتىم خەۋەر قىلغان. ئەمما موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى بۇ ئىشنى ئىنكار قىلغان، شۇڭا موڭغۇلىيەدە قىزىق تېمىغا ئايلانمىغان.
شۇ چاغدا موڭغۇلىيەدىكى تاراتقۇلار موڭغۇلىيە ئېنخبايارنىڭ دۆلەتنىڭ كۆچمەس مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋالغانلىقى ئۈستىدىن قايتا ئەرز سۇنىدۇ، دەپ قارىغان، بۇمۇ ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى. كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئېنخبايار ھازىر كەچۈرۈم ھالىتىدە، شۇڭا كورىيە تەۋەلىكىگە ئېرىشىشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق قانۇنىي مەسىلە يوق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved