جۇڭگو نېفىتىنىڭ پايدىسى تۇنجى قېتىم 100 مىلياردتىن چۈشۈپ كەتتى

1- ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو نېفىتلىكى ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، شىركەت مالىيە بۆلۈمىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلىشىچە، 2015-يىلى بازارغا سېلىنغان پايدىن كەلگەن پايدا ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %60-%70 كىچە تۆۋەنلەپ كەتكەن. 2014-يىلىدىكى جۇڭگو نېفىتى پايدىسى 107.7 مىليارد بولغان. جۇڭگو نېفىتىنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، 2015-يىلىدىكى سودىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى ۋە دۆلەت ئىچى تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ چۈشۈرۈپ تەڭشىلىشىدە ئىكەن.

2015-يىلى نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەندىن كېيىن «ئۈچ نېفىت» (جۇڭگو نېفىتى، جۇڭگو نېفىت خىميەسى، جۇڭگو دېڭىز نېفىتلىكى)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نېفىت كاتتىۋاشلىرىنىڭ پايدىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. بەزى ئېنېرگىيە كاتتىباشلىرى 2015-يىلىدىكى 4-سودا پەسلىدە ھەتتا زىيان تارتىشقا باشلىغان.

جۇڭگو ئېنېرگىيە تورى باش ئۇچۇر باشقۇرغۇچىسى خەن شياۋپىڭ «كۈندىلىك ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگو نېفىتىنىڭ پايدىسىنڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىككى: بىرى جۇڭگو نېفىتىنىڭ دۆلەت ئىچى نېفىتلىكلىرى بىر قەدەر كۆپ، ئېچىش تەننەرخى يۇقىرى ھەم توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن نېفىت باھاسى تۆۋەنلىسە پايدىمۇ مۇقەررەر ئازلايدىغان گەپ؛ ئىككىنچى سەۋەب جۇڭگو نېفىت شىركىتى خەلقئارا نېفىت شىركەتلىرىگە ئوخشاش خادىم قىسقارتمىدى، ئۇلارنىڭ مىليوندىن ئاشىدىغان خىزمەتچىسى جۇڭگو نېفىتىگە زور ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخ بېسىمى ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى.

2014-يىلى جۇڭگو نېفىتلىكىنىڭ ساپ پايدىسى 107.1 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. 2015-يىلىدا بولسا 32-42.8 مىلياردقىچە بولغان. بۇ جۇڭگو نېفىتى ساپ پايدىسىنىڭ 2007-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 100 مىلياردتىن تۆۋەنلىشى ھېسابلىنىدۇ.

باشقا مۇتەخەسسىلەرمۇ جۇڭگو نېفىتلىكىنىڭ پايدىسى چۈشۈپ كېتىشكە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەب بولغان دەپ قارىدى.

جۇڭگو نېفىتى «ئۈچ نېفىتلىك» ئىچىدىكى نېفىت مىقدارى ئەڭ چوڭ كارخانا. ئۇلارنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئومۇمىي نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى ۋە جۇڭگو دېڭىز نېفىتلىكىنىڭ ئۈچ پەسىلدىكى نېفىت مىقدارىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.  بۇلتۇر ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە جۇڭگو نېفىتى ئىشلەپچىقارغان نېفىت مىقدارى 720 مىليون تۇڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغىنى 610 مىليون تۇڭ؛ جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى 260 مىليون تۇڭ، بۇنىڭ ئچىىدە دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغىنى 220 مىليون تۇڭ؛ جۇڭگو دېڭىز نېفىتلىكى 367 مىليون تۇڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغان.

خەن شياۋپىڭ: «جۇڭگودىكى نۇرغۇن نېفىتلىكلەر قېزىلىۋاتىدۇ، بايلىق تولىمۇ تەكشىسىز. لېكىن نېفىت باھاسى سەۋەبلىك ئېچىۋاتقان نېفىتلىكلەرنى تاشلاپ قويساق، كېيىن قايتا ئاچقاندا تېخىمۇ قىيىنغا توختايدۇ. ئەگەر راستىنلا ئېچىش توختىتىلسا، نۇرغۇنلىغان خىزمەتىچلەرنى باققىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو نېفىتلىكىنىڭ خادىملىرى دۇنيادىكى ئوخشاش كۆلەمدىكى ھەر قانداق نېفىت شىركىتىدىن ئون ھەسسە كۆپ چىقىدۇ، خەلقئارادىكى باشقا شىركەتلەرگە ئوخشاش ئادەم قىسقارتىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا خىزمەتچىلەرنىڭ بېسىمىمۇ قەدەر ئېغىر» دېدى.

2015-يىلىنىڭ ئوتتۇرىدا نېفىت باھاسى 130 دوللار/ تۇڭدىن 2015-يىلى 11-ئايدىكى 40 دوللار / تۇڭغا چۈشۈپ قالدى. ئۇندىن كېيىن داۋاملىق تۆۋەنلەپ ھازىرقى بىر تۇڭ نېفىت باھاسى 30 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قالدى.

بۇنڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆتكەن بىر يىلدا نېفىت باھاسى ئىنتايىن كاسات بىر يىل بولغان. باشقا بىر نېفىت كاتتىۋاش شىركىتىنىڭ ساپ پايدىسى 22.6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 10.4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان.

بۇ ساھەدىكى بەزى مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دېدى: «نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە خەلقئارادىكى نېفىت شىركەتلىرى ھازىرچە بىرەر ياخشى ئامال تاپالمىدى. چىقىمنى ئازايتىش، خادىم قىسقارتىش ۋە مال-مۈلكىنى سېتىش قاتارلىقلار ئوموملىشىپ كەتكىلى تۇردى».




خەتكۈچلەر:
01-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-02-2016
       ئادەتتە، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، تۇيۇقسىز باش قېيىش، كۆز تورلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، بەزىلەر بۇ قان ئازلىقنىڭ بېشارىتى، دەپ قارايدۇ. بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقق...
01-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قېتىملىق ئەلرايى تەكشۈرۈشى ۋە ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە ئەرزان ماي باھاسى ئامېرىكا خەلقىنىڭ خېلى كۆپ پۇلىنى تېجەپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئىستىمال...
01-02-2016
2015-يىلى ئېلىمىزدە ئىستېمالنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %66.4 كە يېتىپ، 15 يىلدىن بۇيان ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتتى. ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتت...
01-02-2016
         تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رۇسىيە نېفىت ئېكىسپورت تاموژنا بېجىنى ئەسلىدىكى ھەر توننىسىغا 73.3 دوللاردىن 52 دوللارغا تۆۋەنلەتكەن، تۆۋەنلىتىش چاستۇتىسى %29 كە يە...
26-01-2016
ھەر لىتىر #90 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.40  يۈەن. ھەر لىتىر #93 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.30 يۈەن. ھەر لىتىر #97 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.74 يۈەن. ھەر لىتىر #0 نومۇرلۇق دىزېل باھاسى: 4.86 يۈەن. نۇرغۇن...
26-01-2016
      ئۇدا ئىككى سودا كۈنى ئۆسكەندىن كىيىن، ماي باھاسى بۈگۈن يەنە تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتتى. WTI خام نېفىت باھاسى ئىككى سائەت ئىچىدىلا ھەر تۇڭى 32.74 ئامېرىكا دوللىرىدىن 30.88 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ %6 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى. ...
23-01-2016
ھەر لىتىر #90 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.40  يۈەن. ھەر لىتىر #93 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.30 يۈەن. ھەر لىتىر #97 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.74 يۈەن. ھەر لىتىر #0 نومۇرلۇق دىزېل باھاسى: 4.86 يۈەن. نۇرغۇن...
21-01-2016
    خەلقئارا نېفىت باھاسى 20-يانۋار شىددەت بىلەن %7كە يېقىن چۈشتى، بۇ يىل كىرگەن دىن بۇيان خەلقئارا نېفىت باھاسى تۈز سىزىق بىلەن تۆتتىن بىرىچىلىك چۈشتى. 20-يانۋار نيۇيورك خەلقئارا خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسى ھەر باكى 27 ئامېر...
20-01-2016
     بازار تەمىنلەش ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولۇشتىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، نيۇيورك نېفىت باھاسى 19-يانۋار داۋاملىق تۆۋەنلىدى.       19-يانۋار بازار يېپىلغاندا، نيۇيورك تاۋار بېرژىسىنىڭ 2016-يىلى 2-ئايدا مال...
16-01-2016
      رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكى بۇ يىللىق نېفىت ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلىمەيدۇ، ئېھتىمال ئازراق ئېشىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.     نوۋاك:«بىزنىڭ ب...
Powered by Leglek