ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ قوغدىغۇچلىرى باشتا پەقەت زۇڭتۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭلا قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلىشقا مەسئۇل بولاتتى، مانا بۇ بىز ئېيتىپ كېلىۋاتقان پۇقراچە كىيىنگە قوغدىغۇچىلار. 1860-يىلىدىن ئىلگىرى ئاقسارايدا پەقەت مۇشۇ خىلدىكى قوغدىغۇچىلار بار ئىدى، ئەگەر جىددىي ئەھۋالدا ياردەم كېرەك بولسا ئاقساراي ۋاشىنگىتون ساقچى ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا ھەربىي تەرەپتىن بىر قىسىم ئوفېتسىرلارنى يۆتكەپ كېلىپ قوغداش خىزمىتى ئىجىرا قىلاتتى.
1930-يىلى خوۋېر زۇڭتۇڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئەھۋالدا ئۆزگۈرۈش بولدى، بىر سەرگەردان كۈپ-كۈندۈزدە ئاقساراينىڭ ئاشخانىسىغا ئۈسۈپ كىرىپ چوڭ يەپ، چوڭ ئىچتى، بۇ ئىش زۇڭتۇڭنى ئەنسىزلىككە سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاقساراي، مالىيە مىنىستىرلىقى بىناسى قاتارلىقلارنىڭ تاشقى بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل قوغدىغۇچىلارمۇ ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسىغا كىرگۈزۈلۈپ فورما كىيگۈزۈلدى، ئۇلار يەنىلا قوغدىغۇچى.
زۇڭتۇڭ بىلەن بولغان ئارىلىقىغا ئاساسەن قوغدىغۇچىلار تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ: يىراقتىن كۆزىتىش ھەمدە يول بويى بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل «دەرەخ كەينىدىكى قوغدىغۇچىلار»، زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى، تۇرالغۇسى ئەتراپىدا مۇداپىئە قىلىدىغان «دېرىزە تۈۋىدىكى قوغدىغۇچىلار»، ئۆي ئىچى بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل «پەلەمپەيدىكى قوغدىغۇچىلار» ھەمدە ھەر ۋاقىت زۇڭتۇڭغا ئەگىشىپ يۈرىدىغان «خاس قوغدىغۇچىلار».
ئوبامانى مىسالغا ئېلىپ ئېيىتساق، ئادەتتە ئوباما زىيارەتكە چىقىشىتىن 48 سائەت ئىلگىرى «دەرەخ كەينىدىكى قوغدىغۇچىلار» ئۇ زىيارەت قىلىدىغان ئورۇنلارغا بېرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرىدۇ ھەمدە زىيارەتكە بارىدىغان جايدا تولۇق يۈرۈشلەشكەن مەخپىي ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى بولغان قوماندانلىق مەركىزىدىن بىرنى قۇرىدۇ.
ئوباما زىيارەت قىلىدىغان جايغا يېتىپ كەلگەندە، ئامېرىكا ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈش قاراۋۇلخانىسى بىخەتەر رايوننى قامال قىلىدۇ. ئوبامانىڭ خاس قوغدىغۇچىلىرى ۋە شۇ يەردىكى قانۇن ئىجىراچى خادىملىرى بىر بىخەتەرلىك تورى بەرپا قىلىپ ئوبامانى قوغدايدۇ. ئالاھىدە خادىملار باشقارمىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەسىس قىلغان قوماندانلىق مەركىزى، ئوبامانىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر ئىش-ھەرىكەتنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ ھەمدە مەخپىي شېفىرلىق ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ئوبامانىڭ خاس قوغدىغۇچىلىرىغا قوماندانلىق قىلىدۇ.
قوغدىغۇچىلار ئىچىدە ئوبامانىڭ شەرتلىك بەلگىسى «خائىن»، ھەر ۋاقىت ھەر جايدا زۇڭتۇڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، «خائىن» ھاجەتخانىغا كىرسىمۇ خاس قوغدىغۇچىلار يېقىندىن ئەگىشىپ بىللە كىرىدۇ. ئەگەر «خائىن» ئاقسارايدىن باشقا ھەرقانداق جايدا سۇ ئىچكەن بولسا، خاس قوغدىغۇچىلار چوقۇم ئىستاكاننى ئىشخانىسىغا ئېلىپ كېلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
زۇڭتۇڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا بىر قىسىم ئىلغار قوراللار زۆرۈر بولىدۇ. قوغدىغۇچىلارنىڭ بېلىگە ئادەتتە ئالاقىلىشىش قوراللىرى ئېسىلغان، قولىغا ئوق ئۆتمەس ھۆججەت سومكىسىغا ئوخشاش نەرسىلەردىن باشقا ھېچقانداق نەرسە ئېلىشقا بولمايدۇ.
زۇڭتۇڭنىڭ ماشىنىسى زۇڭتۇڭنى قوغدايدىغان يەنە بىر ئۆتكۈر قورال. ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ئادەتتە ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇلغان لىنكولىن ماشىنىسىدا ئولتۇرىدۇ. ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېغىر تىپتىكى تانكا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ، چاقى، ئەينەك دېرىزىسى، ماشىنا گەۋدىسىگە قېلىن ئوق ئۆتمەس تاختا بېكىتىلگەن.
لېكىن ئوباما تەختكە چىقىپ ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى لىنكولىن ئىشلىتىش قائىدىسىنى ئۆزگەرتىپ، كادىلاكتىن پايدىلىنىپ لايىھەلەنگەن نۆۋەتتە ئەڭ بىخەتەر مەخسۇس ماشىنىنى ئىشلەتتى. بۇ كادىلاكنىڭ ئوباماغا قىلغان يېڭى يىللىق سوۋغىسى بولۇپلا قالماي، ئامېرىكىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئەڭ يۇقىرى تېخنېكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسىغان مەخسۇس ماشىنىسى يېڭى زۇڭتۇڭغا بولغان ئەڭ ئالىي ئېھتىرامىدۇر.
زۇڭتۇڭنىڭ مەخسۇس ماشىنىسىدا ھەر خىل قۇتقۇزۇش سايمانلىرى بار، بۇنداق بولغاندا ماشىنا تاسادىپى پارتلىتىۋېتىلسە، قوغدىغۇچىلارمۇ مۇشۇ سايمانلاردىن پايدىلىنىپ، ماشىنا ئىچىدە زۇڭتۇڭنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ماشىنا ئىچىگە يەنە كىچىك تىپتىكى ئاپتومات ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى سەپلەنگەن، قوغدىغۇچىلارنىڭ يېنىدىمۇ قورال بار، يەككە ھۇجۇم قىلغۇچىلارغىمۇ ھەم يەنە مۇئەييەن كۆلەمدىكى ھۇجۇم قىلغۇچىلارغىمۇ تاقابىل تۇرالايدۇ.
تولۇقسىز سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ بىركۈنلۈك قوغداش خىراجىتى 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. ۋاھالەنكى بۇ پەقەت كۈندىلىك قوغداش خىزمىتى، ئەگەر چەتئەلگە چىقسا بىر كۈنلۈك خىراجەت ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن بىر مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved