جاھان ئاگېنتلىقى 8-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراقلىق شىئە رەھبەر مۇقتەدا سادىر، ئۆز قول ئاستىدىكى «تىنچلىق ئەترىتى» نى، مۇسۇلنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئىراق ئارمىيسى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا تەلەپ قىلدى.
سادىر ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، تىنچلىق ئەترىتىگە تەۋە ئەسكەرلەرگە، «مۇسۇلنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە بىلەن تەشكىللىك ھالەتتە ھەرىكەت قىلىش بۇيرۇقى» بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تىنچلىق ئەترىتىنىڭ قاتنىشىشى خۇسۇسەن ئىسلام ۋە مەزھەبنىڭ «شئە مەزھىبى» خاراكتىرىنى بۇزغان بىر قىسىم يۈزسىز قۇراللىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىنكى مەزھەب تۇقۇنۇشى توزىڭىنى ۋە ISIS تىن باشقا سۈننىيلەرگە قارشى نەپرەتنى ئازايتىدۇ» دېدى.
مۇقتەدا سادىر، ئىراقتا تېرور تەشكىلاتىغا قارشى باشلىتىلغان ئۇرۇشقا ئامېرىكىنىڭ ئارىلاشماسلىقى كىرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكىنىڭ يۇقارقى ئۇرۇشقا ئارىلاشماسلىقى كىرەكلىكىنى تەكرارلايمەن، بىز ISIS نى يۇقىتىشقا قادىرمىز» دەپ سۆز قىلدى.
مۇقتەدا سادىر، «تېرور تەشكىلاتى ISIS بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن شىئە قۇراللىقلىرى بولغان «تىنچلىق ئەترەتلىرى»نىڭ پائالىيەتلىرىنى ۋاقىتسىز توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved