بۇلتۇر ئەتىيازدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا كالا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى بىر ئاز مۇقىم بولغانىدى، ئەمما بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كالا، قوي گۆشى ۋە سۈتنىڭ باھاسىدا كۆرۈنەرلىك داۋالغۇش بولدى، باھا خېلىلا تۆۋەنلىدى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلىدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان كالا، قوي گۆشى 240 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، %4.7 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە كالا گۆشى 117 مىڭ توننىغا يېتىپ %3.1 ، قوي گۆشى 124 مىڭ توننىغا يېتىپ،%6.2 ئاشقان. ئىشلەپچىقىرىلغان سۈت 341 مىڭ توننىغا يېتىپ، %1.4ئاشقان. ئاپتونوم رايونىمىزدا كالا، قوي باقمىچىلىقىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن بازارنى تەمىنلەش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. ئەمما كالا، قوي باقمىچىلىقىدا بازارنى تېرىك چارۋا مال ياكى گۆش، سۈت بىلەن تەمىنلەش ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا، كالا، قوي گۆشى ئىستېمالىنىڭ دېگەندەك جانلانمىغانلىقى، تېرىك كالا، قوي باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەنلىكى كالا، قوي باقمىچىلىقىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. تېرىك كالا، قوينىڭ سېتىلىش باھاسى ئىزچىل تۆۋەنلىگەچكە، كالا، قوي باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە زىيان بولغان.
كالا، قوي گۆشى، سۈت باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە كەلسەك، ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بورداق كالا، بورداق قوي باقمىچىلىقى بويىچە تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، بۇنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمىنى كۆردى. بىرىنچىدىن، كالا، قوي باقمىچىلىقىدا مەلۇم كۆلەم شەكىللەندى، بېقىلىۋاتقان كالا، قوينىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. مەسىلەن، بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلىدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كالا، قوينىڭ قوتان قالدۇقى 46 مىليون 577 مىڭ تۇياققا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە كالىنىڭ قوتان قالدۇقى 4 مىليون 378 مىڭ 400 تۇياققا يېتىپ،%1.8 كۆپەيگەن؛ قوينىڭ قوتان قالدۇقى 42 مىليون 199 مىڭ تۇياققا يېتىپ، %1.2 كۆپەيگەن. قوتاندىن چىقىرىلغان كالا 696 مىڭ 200 تۇياققا يېتىپ،%3.1كۆپەيگەن، قوتاندىن چىقىرىلغان قوي 8 مىليون 264 مىڭ تۇياققا يېتىپ،%4.4كۆپەيگەن. ئىككىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىز بىر نەچچە يىلدىن بۇيان نەسىل ياخشىلاشنى چىڭ تۇتۇپ، كالا، قوي نەسلىنىڭ ئەلالىشىشىغا كۈچىگەن. ھازىر نەسلى ساقلاپ قېلىنىدىغان بەزى يەرلىك قوينى ھېسابقا ئالمىغاندا،%80تىن كۆپرەك كالا، قوينىڭ نەسلى ياخشىلىنىپ بولغان. بۇ كالا، قوي گۆشى مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، سۈت مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئۈچىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىككى، ئۈچ يىلدىن بۇيان بازارنى گۆش بىلەن كەڭ – كۇشادە تەمىنلەش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۆشكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن كالا، قوي گۆشى، تېرىك قوي يۆتكەش سالمىقىنى زورايتقان. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى پولات ئابدۇقادىرنىڭ دېيىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتتىن گۆش، تېرىك قوي يۆتكەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ ‹‹ئەلچىن›› دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بۇلتۇر گەنسۇ، خېبىي، شەنشى، شەندۇڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردىن 3280 توننا قوي گۆشى، 800 توننا كالا گۆشى، 200 مىڭ تۇياق قوي يۆتكەپ كەلگەن. چەت ئەلدىن 593 توننا توڭلىتىلغان قوي گۆشى، 516 توننا كالا گۆشى كىرگۈزگەن. ھازىر شىنجاڭ ‹‹ئەلچىن›› دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سەككىز مەھەللىدە كالا، قوي گۆشىنى بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئېچىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئالاھىدە باھالىق يېڭى كالا، قوي گۆشى بىلەن تەمىنلەۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ ‹‹خۇالىڭ›› دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈچتاشتىكى قۇشخانىنى ‹‹يېڭى خۇالىڭ›› بازىرىغا يۆتكەش جەريانىدا 1 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، تىجارەتچىلەر، ئىستېمالچىلار يېڭى ئورۇنغا كۆنۈۋالغىچە سودىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى رايونىدا كالا، قوي گۆشى بازىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. بۇ شىركەت بۇ يىل ئاپرېلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېتىبار باھالىق گۆش بېلىتىدىن 1500 نى تارقىتىپ، ئالتە مەھەللىدە كۈنىگە ئالتە توننىدىن كۆپرەك كالا، قوي گۆشىنى ئېتىبار باھادا ساتقان. تۆتىنچىدىن، يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا گۆش ئىستېمالى دېگەندەك جانلانمىغان. گۆش پىششىقلايدىغان كارخانىلار كۆلەملەشمىگەن، گۆشتىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان قوشۇمچە مەھسۇلاتلار ئاز بولغان. بەشىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان گۆشنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزىدە ئىستېمال قىلىپ تۈگىتەلمەيدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىنى مىسالغا ئالساق، ئۈرۈمچى شەھىرى چوڭ قۇشخانىلاردا سويۇلغان ياكى تارقاق سويۇلغان گۆشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھازىرغا قەدەر شەھەر بويىچە 100 ئورۇندا كالا، قوي گۆشىنى بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئېچىپ، بازارنى يېتەرلىك گۆش بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغاچقا، گۆش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھازىرقى ئىستېمالىدىن ئېشىپ كەتكەن. بەشىنچىدىن، ئۆي قۇشى باقمىچىلىقىدا كۆلەم شەكىللەنگەن، ئۆي قۇشلىرىنىڭ نەسلى ياخشىلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلىدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆش مىقدارى 39 مىڭ توننىغا يېتىپ، %12.5كۆپەيگەن. يۇقىرىقىلار ئاپتونوم رايونىمىزدا كالا، قوي گۆشى، سۈت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللار بولۇپ، بۇ كۈندىلىك يېمەك – ئىچمەك ئىستېمال كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىگە پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما چارۋا مال باقىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىغا چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا، كالا، قوي گۆشى، سۈت باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بۇ يىل دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا پايدىسىز ئىكەن. بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلىدىكى بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بورداقچى ئائىلىلەر بورداپ قولدىن چىقارغان كالا، قوينىڭ باھاسى بورداشتىن ئىلگىرى سېتىۋالغان باھادىن تۆۋەن بولۇپ، يەم – خەشەك تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە باقمىچىلار %10ئەتراپىدا زىيان تارتقان. باقمىچىلىق تەننەرخىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك باقمىچىلىقتىن پايدا ئېلىش بوشلۇقىمۇ بارغانچە تارايغان. سۈت باھاسىغا كەلسەك، بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلىدە باھا بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %10چۈشكەن. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، نەچچە يىلدىن بۇيان سۈتچىلىك كارخانىلىرى، شەخسىي خوجايىنلار سۈت باھاسىنى خالىغانچە بېكىتكەن، سۈت بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئىنەك باقمىچىلىرى باھاغا ئارىلىشالمىغان. كۆپ ساندىكى ئىنەك باقمىچىلىق ئائىلىلىرى بىلەن ئىنەك بېقىپ ساتىدىغان ئورۇنلار زىيىنىغا تىجارەت قىلغان؛ ئوتتۇرا، كىچىك كۆلەمدە ئىنەك باقىدىغان باقمىچى ئائىلىلەر يەم – خەشەكنىڭ پۇلى بىلەن كالا، قوي باقىدىغانلارنىڭ ئىش ھەققىگىمۇ قۇربى يەتمەي، سۈتنى تۆكمە قىلغاننىڭ ئورنىدا سېتىشقا مەجبۇر بولغان.
ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، كالا، قوي گۆشى، سۈت باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا، بازارنى گۆش، سۈت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭدەك ئىستېمالچىلارنىڭ، باقمىچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم ئىش. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا كالا، قوي باقمىچىلىقىنىڭ كۆلىمى تېخى كىچىك بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تارقاق چارۋا مال بېقىشتەك ئەندىزە ھازىرقى تېز ئۆزگىرىۋاتقان بازارغا ماسلىشالماي، باقمىچىلىقنىڭ ئۈنۈمى تۇراقسىز بولۇشتەك يېڭى نورمال ھالەت شەكىللىنىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن گۆش، سۈتنىڭ مىقدارى كۆپەيسىمۇ باقمىچىلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇل كۆپەيمەسلىكتەك ئەھۋال كېلىپ چىقتى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە چارۋىچىلىقتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە، كۆلەملەشتۈرۈشكە، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلايدىغان كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈشكە، باقمىچى ئائىلىلەرنى ۋاقتى – ۋاقتىدا بازارنىڭ ئۆزگىرىشى، باھا ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئاپتونوم رايونىمىزدا باقمىچىلارنىڭ بازارنى مۆلچەرلەش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش جەھەتتە بازارنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتمەي بولمايدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى زامانىۋى ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇپ، باقمىچى ئائىلىلەرنى، باقمىچىلىق كارخانىلىرىنى چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى بازىرىغا دائىر ئۇچۇرلاردىن، باقمىچىلىق يېڭى تېخنىكىسى، گۆش، سۈتنىڭ نۆۋەتتىكى باھا ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلاردىن قەرەللىك ھالدا خەۋەرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كالا، قويلارنى قوتاندىن چىقىرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشىشىگە، بازار خېيىم – خەتىرىدىن ساقلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى باقمىچىلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، باقمىچىلارنى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە، رايونلىشىشقا، كۆلەملىشىشكە، كەسىپلىشىشكە يېتەكلەپ، كىچىك كۆلەمدە تارقاق چارۋا مال بېقىش – بورداشتىن زامانىۋى باقمىچىلىققا ئۆتۈشى؛ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار باقمىچىلارنى يەر، مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر باقمىچىلىق تەرەققىيات خېيىم – خەتەر فۇندى تەسىس قىلىشى ھەم چارۋىچىلىققا مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىپ بېرىشى؛ باقمىچىلار نەسىل ياخشىلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈمى تۆۋەن كالا، قويلارنىڭ نەسلىنى ئۆزگەرتىپ، باقمىچىلىقتا يۇقىرى سەرپىيات، تۆۋەن ئۈنۈمدە ئايلىنىشتەك ھالەتكە خاتىمە بېرىشى لازىم.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved