ئامېرىكىلىق ئىككى ئېكىپىدىتسىيەچى 1600 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى مۇز ئۆڭكۈرنىڭ ئاستىغا چۈشتى

ئىككى نەپەر قاپ يۈرەك ئېكىسپىدىتسىيەچى ئامېرىكىنىڭ ئالىياسكا شىتاتىدىكى مېندىخول مۇز داۋىنىغا يېتىپ كەلدى . بىر ئادەم ئاران پاتقۇدەك يېرىقتىن ئارغامچا بىلەن ئېسىلىپ 1600 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايغا چۈشتى ، ھەمدە مۇزلۇقنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە سەككىز سائەت تۇردى . ئاندىن ئاستا ئاستا يامىشىپ يەر يۈزىگە قايتىپ چىقتى . بۇ جەرياندا ئۇلار ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك رەسىملەرنى تارتىۋالدى . مۇزلۇقنىڭ ئاستى قىسمىنىڭ رەڭگى ناھايىتى سۈرلۈك ھەم ھەيۋەتلىك قېنىق كۆك رەڭدە بولۇپ ، ئۈستى قىسىمىدىكى مۇز قاتلىمى قارىماققا خۇددى بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگەن دېڭىزغا ۋە قۇشلار پەرۋاز قىلىۋاتقان ئاسمانغا ئوخشايتتى . يېرىم سۈزۈك مۇز قاتلىمى قۇياش نۇرىنى
سۇندۇرۇپ ناھايىتى سۈرلۈك كۆك رەڭلىك نۇر چاقنىتاتتى .

ئېكىپىدىتسىيىچىلەر قۇدۇققا ئوخشايدىغان بىر مۇز ئازگىلىدىن بۇ ئاستى كۆرۈنمەيدىغان يېرىقنى بايقىدى ، بىر كىچىك دەريانىڭ سۈيى بىۋاستە مۇشۇ يېرىققا ئېقىپ كىرەتتى ، ئەينەكتەك سىلىق مۇز ۋە ئېقىپ چۈشكەن سۇنىڭ غايەت زور شاۋقۇنى بۇ قېتىملىق ۋەزىپىگە زور قىيىنچىلقلارنى ئېلىپ كەلگەن . ئۇلار بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: بىز خۇددى ئارغامچىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان چۈمۈلىگە غايەت زور كۆك رەڭلىك چېركاۋنىڭ ئۈستىدىن
ئۆمىلەپ چۈشۈۋاتقانغا ئوخشاش ، ئۈستىمىزدىن توختىماي سۇ چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇلاق تۈۋىمىزدە توختىماي جاراڭلاپ تۇرغان شاۋقۇن ئەس-ھۇشىمىزنى يوق قىلىۋەتتى. ئېكىپېدىتسىيىچىلەر سەككىز سائەت سەرپ قىلىپ يېرىقنىڭ ئاستىغا يېتىپ باردى ، يەر يۈزىدىن چوڭقۇرلۇقى 1600 مېتىر كېلىدۇ ، لېكىن مۇز داۋاننىڭ گۈزەللىكى ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرگە ئۇنىڭ خەتىرىنى ئۇنتۇلدۇردى.



خەتكۈچلەر:
14-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek