ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋەر، نەچچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكا ئوخىئو شىتاتىدىكى 60 ياشلىق تام 19 ياشلىق قىز دوستى بىلەن توي قىلغان ھەمدە تۇنجى ئايالىنىڭ بەخت تىلىشىگە ئېرىشكەن. گەرچە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش شارائىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنىلا شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى.
ئىگىلىنىشىچە تام چارۋىچى بولۇپ، ئايالى بىلەن توي قىلىپ يەتتە يىلدىن كېيىن، ئايالى بىلەن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان. كەينىدىن 19 ياشلىق بىرىندانى ئۇچراتقان ۋاقىتتا بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان. تامنىڭ ئايالى رۈيبامۇ يولدىشىنى قوللىغان. نەچچە كۈن بۇرۇن تام ئاللىقاچان ھامىلىدار بولۇپ قالغان بىرىندا بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
نۆۋەتتە تام ئۆي سېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆيى پۈتكەندىن كېيىن ئىككى ئايالى يولدىشى بىلەن نۆۋەتلىشىپ ئۇخلايدىكەن. رۈيبا بىلەن بىرىندا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشتەك بۇ خىل ئەھۋالدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
تام مۇنداق دېدى:«مەن ھەمجىنىسلارغا قارشى تۇرمايمەن، ئەمما ھەمجىنىسلارنىڭ توي قىلىشى قانۇنلىشىپ بولدى، ئۇنداقتا مېنىڭ توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە قايتا خوتۇن ئېلىشىممۇ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن».
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved