CTV تېلېۋىزىيە پروگراممىسى «W5» نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۇكرائىنادىكى بىر 11 ياشلىق ئوغۇل بالا مىكولا ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا تۆت ياشلىق ئىنىسى ۋە بىر نەچچە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ئويناۋېتىپ بىر گرانات بايقىغان. مىكولا دوستلىرىنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن گراناتقا دەسسىۋېلىپ پارتلاش يۈز بەرگەن. ئۇ ناھايىتى ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئىنىسى بولسا پارتلاشتا قازا قىلغان.
بەختكە يارىشا مىكولا كانادا داۋالاش ئەترىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. بىر بالىلار دوختۇرخانىسى ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋالاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەممە داۋالاش ھەققىنى دوختۇرخانا ئۆزى ئۈستىگە ئالغان. مىكولا ئانا-بالا ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى كاناداغا بارغان. دوختۇر ناھايىتى ئۈمىدۋارلىق بىلەن مىكولانىڭ كەلگۈسىدە يۈگۈرەلەيدىغانلىقىنى، توپ ئوينىيالايدىغانلىقىنى ھەمدە نورمال بالىلاردىن چوڭ پەرقى بولمىغان تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved