ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە مۇداپىئەلىنىش مەركىزى 15-دېكابىر 2014-يىللىق ئون چوڭ ئاممىۋى سەھىيە خىرىسىنى باھالاپ چىقتى، ئېبولا يۇقۇمى، تېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇس، ئەيدىز كېسىلى ۋە تاماكا مەسىلىسى قاتارلىقلار بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.
بۇ ئون چوڭ خىرىس تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئالدىنقى تۆتى بىرىنچى تۈردىكى خىرىس بولۇپ، بۇلار يېڭىدىن پەيدا بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تەھدىتى. ئېبولا يۇقۇمى بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە مۇداپىئەلىنىش مەركىزى مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ئېبولا يۇقۇمى تارىختىكى ئەڭ مۇرەككەپ كېسەللىك، ئېبولانىڭ غەربىي ئافرىقىدىكى مەنبىيى ئۈستىدىن غالىب كەلگەندىلا كىشىلەر ئاندىن يۈزدە يۈز پىرسەنت بىخەتەر بولالايدۇ.
ئۇندىن قالسا ئانتوبىئوتىك دورىغا چىداشلىق بولۇش مەسىلىسى، ئۇ كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى بۇزىدۇ. ئۈچىنچىسى EV- D68 بىلەن يۇقۇملىنىش. بۇ خىل ئاز كۆرۈلىدىغان ۋىرۇس ئېغىر نەپەس يولى سىستېمىسى كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئاساسلىقى بالىلاردا كۆرۈلىدۇ، ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ۋاكسىنىسى يوق.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved