گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل گەرچە 9-ماي موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتقا قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن 10-ماي يەنىلا موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.
مەيلى خەلقئارا جەمئىيەت مەيلى رۇسىيە دائىرىلىرى بولسۇن، ھەممىسى مېركىلنىڭ زىيارىتىدىن زور ئۈمىد كۈتتى. بۇ ئۈمىد بىر تەرەپتىن گېرمانىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پۇتىن بىلەن مېركىلنىڭ كۆرۈشۈشىدىن تۇغۇلدى، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش-رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە، ھەتتا پۈتكۈل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
گېرمانىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلانغان جايى شۇنداقلا ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان دۆلەت، ئۇنىڭ رەھبىرىنىڭ غەلىبە كۈنىدە رۇسىيەگە بېرىپ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى-گېرمانىيەنىڭ تارىخ ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشى ۋە تارىخقا بولغان مەسئۇلىيىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. مېركىلنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: مېركىل 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى خاتىرىلەپ، قازا قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنى بىرلىكتە ياد ئېتىش ئۈچۈن موسكۋاغا باردى. شۇڭا، مېركىلنىڭ موسكۋاغا يېتىپ بارغاندىن كېيىنكى تۇنجى پائالىيىتى-زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە نامسىز قەھرىمانلار قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويۇش ھەم قەبرە ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇش بولدى. مېركىل ئۆزۈمنىڭ گۇناھسىز قازا قىلغۇچىلارنى ياد ئېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمىدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم، بىز رۇسىيە خەلقىگە بىز سىلەرگە تازىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىمىز دېمەكچى دېدى.
مېركىلنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى تەبىئىيلا پۇتىن بىلەن سۆھبەتلىشىش بولدى. ئۇكرائىنا كىرىزىسى سەۋەبىدىن، رۇسىيە بىلەن گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆز ئارا ئاداۋەتلىشىپ قالدى. بۇ-رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا بېكىتىلگەن سانكىت-پېتىربورگ سۆزلىشىشى قاتارلىق نۇرغۇن دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىسىمۇ ئازىيىپ كەتتى. دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىككى تەرەپ بۇ قېتىم مېركىل بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىدىن زور ئۈمىد كۈتتى، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇش ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى بولدى. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بۇندىن بۇرۇن ھازىر ياۋروپانىڭ ۋەزىيىتى تىنچ ئەمەس، شۇڭا بىز ئىككى دۆلەتنىڭ سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيمىز، 10-مايدىكى موسكۋا سۆھبىتىدىن زور ئۈمىد كۈتىمىز دېگەن ئىدى.
سۆھبەت باشلانغاندىن كېيىن، پۇتىن ئالدى بىلەن مېركىلنىڭ موسكۋاغا كېلىپ غالىبىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا، پۇتىن مېركىلنى بىرلىكتە تېرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەم رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىشقا ئۈندىدى. ئۇ بۇ مەسىلىلەرنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى قانچە تېز تۈگەتسەك شۇنچە ياخشى بولىدۇ، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن تېرىشىمىز دېدى. مېركىل موسكۋادا پۇتىن بىلەن ئىككى دۆلەت ھەم رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، گېرمانىيە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تەييارلاندى دېدى. ئۇ بىز ئازابلىق كەچۈرمىشلەر ئارىسىدىن شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، ھازىرقى بۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە بىز چوقۇم تېرىشىشىمىز، چوقۇم ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك دەپ تەكىتلىدى.
مېركىل 13-ماي يەنە ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو بىلەن بېرلىندا كۆرۈشىدۇ. تەھلىلچىلەر گېرمانىيە بىلەن رۇسىيە مىنىسكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، شۇڭا مېركىل بىلەن پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتى-ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇشقا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved