خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: CBSMONEYWATCH تورىنىڭ 6-ئىيۇل ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 6-ئىيۇل ئالبانىيەنى جەمئىي 107 مىليون 500 مىڭ ياۋرو (تەخمىنەن 119 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر)لۇق قەرز ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئالبانىيە مالىيە مىنىستىرى شكېلچىم كانى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: گېرمانىيە نۆۋەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى 1988-يىلى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى ئاساسلىق ياردەم بەرگۈچى دۆلەت بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئالبانىيەنى 1 مىليارد ياۋرو (1 مىليارد 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر)لۇق قەرز بىلەن تەمىنلەپ، ئېنېرگىيە، سۇ بىلەن تەمىنلەش، مائارىپ ۋە شەھەر-يېزا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئالبانىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئالبانىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەكىرىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved