سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئىش ئورنىدا يارىلانغان قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تېمىسىدا قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى .مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭ يىغىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلىدى ،سۆھبەت يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن مىڭ شۆنۇڭ ،جىياڭ شىپىن ،گو يۈەنچۇڭ قاتارلىق مۇتەخەسس ئالىملار ئىش ئورنىدا يارىلانغا ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى چۆرىدەپ پىكىر قىلدى ،ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى :‹قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى ،بىناكارلىق ئىش ئورنىدا يارىلىنىش خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى كەسىپ .قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقان ئىشلەمچىلەر ،قۇرۇلۇش .ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن ،يارىلانغاندىن كېيىن ھوقۇق مەنپەتنى ئاسانلا دەخلى تەرۇزغا ئۇچرايدۇ ،ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك ،قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا يارىلىنىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كەڭ ئىشچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ،قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا يارىلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈر بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ،قاتناشقان تۈر بويىچە تۆلەم بېرىش ،ئومۇمىي ھۆددىگە ئالغان كارخانا سۇغۇرتا پۇلىنى بىراقلا تاپشۇرۇش ،ھەممەيلەن قاتنىشىشتەك سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پۇلى بويىچە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش كېرەك .ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تۇرالغۇ ئۆي شەھەر بازار قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت مىنىستىرلىق كومىتېت قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا يارىلىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرىنى ھەقىقىي يولغا قۇيۇش ئۈچۈن ،بۇ پىكىرنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ تېزدىن يول قويۇش تەكلىپىنى بەردى .بىناكارلىق قۇرۇلۇش قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ قۇرۇلۇش باسقۇچىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ھۆكۈمەت ۋە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك .
ئىشتا يارىلىنىش سوغۇرتا ھەققىنى ھېسابلاش تەكشۈرۈش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئىشتا يارىلىنىش سوغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا بېكىتىپ ،ئىشتا يارىلىنىش سوغۇرتا ھەققىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىپ ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشكە ئالاقىدار ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بېكىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ،ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ،ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش تەرتىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش ،ئىشتا يارىلىنىش سوغۇرتا پۇلى تەمىناتى تۆلەم سىياسەتلىرىنى ،ھەم ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاۋال تۆلەپ بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىشتا يارىلىنىش تۆلىمى بىلەن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ھادىسىنى ساختا مەلۇم قىلىش يۇشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىق مەسىلىلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىشقا ئائىت ھوقۇق مەنپەئەتلىرىنى قوغداشتىكى رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇش كېرەك ›.
بۇنىڭدىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved