كىم جوڭئۇننىڭ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدىكى نۇتۇقى

    كىم جوڭئۇن 1983-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان. ھازىر چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى، چاۋشيەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 1-باشلىقى، چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى. كىم جوڭئۇن چاۋشيەننىڭ 2-ئەۋلاد ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئىلنىڭ كەنجى ئوغلى، 1-ئەۋلاد ئالىي رەھبىرى كىم ئېرسىننىڭ نەۋرىسى.

  كىم جوڭئىل 1941-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇ چاۋشيەننىڭ 2-ئەۋلاد ئالىي رەھبىرى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باشلىقى، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىېتىنىڭ باشلىقى ئىدى. كىم جوڭئىل چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرغۇچى رەھبىرى كىم ئېرسىننىڭ چوڭ ئوغلى. ئۇ شەكلەن سايلام ئارقىلىق دادىسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، چاۋشيەنگە 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

  بىز ئەمدى دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەت رەھبىرىنىڭ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا سۆزلىگەن بۇ قىسقا، ئەمما قاراتمىلىقى كۈچلۈك نۇتۇقىدىن بىرلىكتە بەھرلىنەيلى:

نۇتۇق تولۇق تېكىستى:

  بىز بىر قەھرىمانىمىزدىن ئايرىلدۇق.

  ئەمما بۇ مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ياق، بۇ پەقەتلا بىر باشلىنىش.

  ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ دۆلەت كۈچى ئۇلارنىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ 30 دىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ، ئەمما بىز يەنىلا كەسكىنلىك بىلەن ئۇلارغا رىقابەت ئېلان قىلدۇق، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

  ھەرقايسىڭلار، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىمىز ئۈچۈن ھەققانىي كۈرەش قىلىۋاتىسىلەر! بۇ نۇقتا بۇ يەردىكى ھەممەيلەنگە ئىنتايىن ئېنىق.

  بىز ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدۇق، دۆلەت نائىلاج پارچىلاندى.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىنىڭ ھوقۇق كۈچى دۇنياغا كېڭىيىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىلى 50 يىلدىن ئاشتى. شىمالىي قىسىمدا تۇرۇۋاتقان بىز ئىلگىرى ئامېرىكىغا بىرلىككە كېلىش تەلىپىمىزنى نەچچە رەت ئوتتۇرىغا قويغان بولساقمۇ، ئەمەلگە ئاشمىغانىدى.

  چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ، شۇڭا تەڭرى بىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ.

  مېنىڭ ئاتام، يەنى ھەرقايسىڭلارنىڭ ھۆرمەتلىك ئۇلۇغ داھىيسى، باش شۇجى كىم جوڭئىل ۋاپات بولدى، نېمە ئۈچۈن؟

  يېڭى دەۋردىكى زوراۋانلىق بىزنىڭ مۇشۇنداق ئاساسىي ئىدىيەگە ئىگە پۇقرالىرىمىزغا مەنسۇپ، بۇ تارىخنىڭ مۇقەررەرلىكى.

  شۇڭا، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ بىر جۈپ قولى بىلەن بۇ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك. بىز بۇ رەھىمسىز دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى بىرلىكتە قوبۇل قىلىشىمىز ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى كىم جوڭئىل ئېيتقاندەك، بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلاھاتى بىز پىرولتارىيات سىنىپىدىن باشلىنىدۇ. ئەمما، ئاشۇ ئامېرىكىنىڭ قارىغۇ چاشقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

  ھەرقايسىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئامېرىكىنىڭ رەھىمسىز سۈيتقەستلىرىدە ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ قىساسنى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنتۇپ قالساق ھەرگىز بولمايدۇ.

  بۇ باش شۇجى كىم جوڭئىلنىڭ بىزگە بەرگەن بېشارىتى.

  ھازىر، بىز ئۆزىمىزنىڭ غەزەپ-نەپرىتىمىزنى مۇجەسسەملەپ، ئامېرىكىغا زەربە بېرىپ، ھەقىقىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  پەقەت غەلىبە قىلساقلا، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزالايمىز.

  بىز بىر مۇنەۋۋەر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يەنە ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇشتەك ئۇلۇغ مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. 

   



خەتكۈچلەر:
09-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
     30-ئاپرېل، ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ تولۇقلىما سايلىمىنىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىسلاھاتچىلار روشەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ...
02-05-2016
     رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقنىڭ بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-ماي ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ساماۋا شەھىرىدە ئىككى قېتىم تېرورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈزبېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 گ...
02-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە تاراتقۇسى بولغان «دەۋر گېزىتى» ۋە دۇنيا ئاخبارات ئاگېنتلىقى (Cihan) دىكى 400 مۇخبىر «خىزمەتتە خاتالىق سادىر قىلىش»، «شىركەت ئوبرازىغا تەس...
02-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، مالايسىيا كۇئالالۇمپۇر، مالايسىيا خەلقى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا يىغىلىپ ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىبنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. ...
02-05-2016
يەمەن ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى شېيىخ ئەخمەدكە قۇسەي قوراللىقلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن، يەمەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۇۋەيت تىنچل...
02-05-2016
    ئىران پرېزىدېنتى روھانىينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گيۇنھى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ ئىراندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ 1962-يىلى ئىككى دۆلەت دىپ...
02-05-2016
    ياپونىيە مېدىيەلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 30-ئاپرېل بېيجىڭ دىياۋيۈتەيدە زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا سۆھبەتلەشكەن، فۇمىئو كىشى...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك سىياسى سوئال-جاۋابلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىندىياننا شىتاتىدا 3- ئاپرېل مۇھىم نامى ئاتى...
02-05-2016
    «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 29- ئاپرېل ئىرۇسالىمدا «جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەيئىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان ب...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتى كوتلاندىكى بىر قاقاس بازارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىن كەلگەن ئىمپورت ماللار كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، بۇ بازاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سودىسى ئېغىر زەربىگە ...
Powered by Leglek