«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ھازىر تۈركىيەنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالدى

ئۇرۇش ئوتى چېگرا رايونغا يامرىغانلىقتىن. تۈركىيە «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا تېخىمۇ پائال زەربە بەرمەكچى.


ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشكە باشلىدى. بۇ تەشكىلاتىنىڭ چوڭ لاگىرىغا قوشنا بولغان تۈركىيە بۇ ھەرىكەتتە رول ئوينىشى كېرەك ئىدى، بىراق تۈركىيە «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە ئىزچىل تۈردە قىزغىن بولمىدى، بىراق «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ھازىر تۈركىيەنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالدى، تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە سۇرىيەدىكى ۋە ئىراقتىكى بۇ ئەسەبىي قۇراللىق تەشكىلاتقا تاقابىل تۇرۇش خىيالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.


ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قۇراللىق تەشكىلاتى سۇرىيەدىكى كۇرد قىسىملىرى بىلەن سۇرىيە بىلەن تۈركىيە چېگرىلىشىپ تۇرىدىغان كوبانى رايونىدا شىددەتلىك جەڭ قىلدى. گەرچە كۇرد ئارمىيەسى بۈگۈنكىچە كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق قۇرال جابدۇقلىرى ئۇلارنىڭدىن ئاجىز بولغانلىقتىن تەڭ كېلەلمەي قالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نەچچە يۈز مېتىر يىراقلىقتىكى چېگرا قاراۋۇلخانىسىدا تۇرغان تۈركىيەلىكلەر كۆرۈپ تۇردى.


تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىدا كۆپلىگەن كۇردلار بولۇپ، سۇرىيەدىكى كۆپلىگەن كوردلار پاناھلىنىش ئۈچۈن تۈركىيە تەۋەسىگە كىرگەندە، تۈركىيەدىكى كوردلار سۇرىيەگە بېرىپ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئۆز مىللىتىدىكىلەرگە بىر ھەسسە كۈچ قوشتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەسلىدە سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىككى دۆلەت چېگراسىنى تاقىۋەتتى ھەمدە تۈركىيەدىكى كۇردلارنىڭ كۆپلەپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ مۇساپىرلارنىڭ كېرىشىنى توسۇشىنى ئۈمىد قىلدى.


تۈركىيە بىلەن سۇرىيە چېگرىسىنىڭ قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتى، تۈركىيەنىڭ سۇرىيە ئۇرۇشنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئوخشىمىغان ئىنكاسى، ئەنقەرەنىڭ سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشتىكى زىددىيىتى: تۈركىيە چېگرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى مەغلۇپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، كۇرد بۆلۈمچىلىرى كۈچىنىڭ زورىيىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.


تۈركىيەنىڭ رەھبىرى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ، سۇرىيەدىكى كۇردلارنىڭ كۈچىنى كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى. بۇ قۇراللىق كۈچلەرنىڭ تۈركىيەدىكى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى كۇردلار بىلەن بىرلىشىپ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قۇراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلماقتا.
بۇ جۇغراپىيەلىك سىياسىينىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇشىدىكى سەۋەب، كوبانىنى ساقلاۋاتقان كۇرد قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى خەلق قوغدىنىش ئورنىغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ باش ئورگىنى تۈركىيدىكى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن ئالاقىسى بار؛ كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى كۇردىستان مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئارزۇسىغا يىتىش ئۈچۈن، ھەربىي نىشانلارغا ۋە پۇقرالارغا قۇرال كۈچى ئىشلەتكەنلىكتىن، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇلارنى تېررورچى تەشكىلاتلار قاتارىغا كىرگۈزگەن.


بىراق، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇئاننىڭ يېقىندىكى پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولدى، ئۇ، تۈركىيەنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئاستىرتتىن بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتقاندا، بىزنىڭ دىنىمىزدا بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ، دېدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ باش ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: خەلقئارا ئىتتىپاق سۇرىيەدە قۇرۇقلۇقتا ھۇجۇم قوزغىسا، ئۇنداقدا ئۇ يەردىكى كوردلار ئىراقتىكى كۇردلارغا ئوخشاش ئىتتىپاق ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم شېرىكىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.


بۇنداق ۋەزىيەت تۈركىيەنى ئەندىشىگە سالسىمۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: تۈركىيە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان تەقدىردىمۇ بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى يەنىلا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ئوخشاش «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنى ۋەيران قىلىش.


ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مۇنداق دېدى: تۈركىيە باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشغا قاتنىشىشى ياكى قوللىشى مۇمكىن. بىراق تۈركىيە ئىتتىپاقىنى شەكىلگە قوللىماسلىقى كېرەك، چۈنكى تۈركىيە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشدە ئىنتايىن مۇھىم.



خەتكۈچلەر:
04-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
Powered by Leglek