كۆپلىگەن دۆلەتلەر دۆلىتمىزنىڭ تېرورلۇققا زەربە بىرشىگە ياردەم بىردىغانلىقنى بىلدۈردى

شىنخۇا ئاگېنىتلىقى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمسى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت-خەۋىپسىزلىك نازارىتىدىن ئىگەللىشچە، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكى، جامائەت خەۋىپسىزلىك تارماقلىرنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرنىڭ پۈتۈن ساقچى خادىملىرى ھەممە كۈچى بىلەن كۆرەشكە ئاتلىنىپ مۇۋاپپىقيەتلىك ھالدا 5-ئاينىڭ22-كۈنى ئەتتىگەن شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھرى سايباغ رايونى باغچا شىمالىي كۇچىسدىكى ئەتتىگەنلىك بازاردا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەسى دېلوسىنى پاش قىلدى. 

 

ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنشىچە، بۇ قېتىمقى تېرورلۇق دېلوسىنى سادىر قىلغۇچىلار جەمئىي 5 بۇلۇپ، بۇلارنىڭ ئارسىدىكى 4ئادەم نەخ مەيداندا پارتىلاپ ئۆلگەن. پىلانلاشقا قاتناشقان يەنە بىر تېرورلۇق قىلغۇچى نۇرئەخمەت ئابلىز  5-ئاينىڭ22-كۈنى كەچتە شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدا قولغان چۈشكەن بۇلۇپ، ئۆلگەن تېرورچىلارنىڭ سالاھىيتى ئاللىقاچان DNAتەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى. مەزكۇر دېلو 39 بىگۇناھ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىشى 94 ئادەمنىڭ يارلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 

جامائەت-خەۋىپسىزلىك تارماقلىرنىڭ ئېنىقلىشچە، نۇرئەخمەت ئابلىز، مەمەت مەمەتئىمن، رېھىمجان مەمەت، مەمەتئىن مەخمەت، ئابلەت ئابدۇقادىر قاتارلىق كىشىلەر ئۇزۇن مەزگىل دىننى ئاشقۇن ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەمدە تېرورلۇققا دائىر ئۈن-سىز بۇيۇملىرنى كۆرۈپ 2013-يىلنىڭ ئاخىردا دەسلەپكى قەدەمدە بەش كىشلىك تېرورلۇق شايكىسنى قۇرغان. زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن تېرورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش ئۈچۈن بۇ شايكا پارتلاتقۇچ ياسايدىغان خام ماتىريال ۋە دېلو سادىر قىلىشقا ئىشىلتىدىغان ماشىنا سېتۋالغان، ئارقىدىن پارتىلاتقۇچ ياساپ تېرورلۇق ھۇجۇمى قىلىش نىشانىنى بىكىتكەن. 5-ئاينىڭ22-كۈنى 7دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە مەمەت  مەمەتئىمىن قاتارلىق 4 شايكا ئەزاسى تېرورلۇق جىنايىتنى سادىر قىلغان.

 

نۆۋەتتە دېلو يەنىمۇ ئىلگىرلەپ رازۋېدكا قىلىنپ تەكشۈرۈلمەكتە.

 

جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى ئۇچۇرى، تۈنۈگۈن ، جامائەت خەۋىپسىزلىك تارماقلىرى دېلودىن دوكلات بىرىش يىغنى چاقىرىپ، ئامىرىكا، روسىيە، يېڭى زىللاندىيە قاتارلىق 29 دۆلەتتىن كەلگەن 33 نەپەر جۇڭگودا تۇرۇشلۇق قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىك ۋەكىللىرىگە ئۈرۈمچى ‹‹5.22››تېرورلۇق ۋەقەسى ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان. كۆپلىگەن دۆلەت ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى تېرورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيبىلەيدىغانلقنى ، ھەمدە جۇڭگو تەرەپنى  ھەر قايسى تەرەپتىن ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.

 

جۇڭگو تەرەپ دوكلات جەريانىدا ‹‹5.22›› تېرورلۇق ۋەقەسىگە ئالاقىدار پارتىلاش يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى قىسمەن نەخ مەيدان سىن كۆرنۈشى ۋە سۈرەتلەرنى كۆرسەتكەن.جۇڭگو تەرەپ كۆرسىتىپ، جۇڭگو جامائەت خەۋىپسىزلىك تارماقلىرى ھەرقايسى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىك تارماقلىرى بىلەن قۇيۇق ئالاقىنى ساقلاپ داۋاملىق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشىدا ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھىرلىنىش ۋە ھەمكارلىشىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋاستىللىرى ئارقىلىق ئورتاق ھالدا بارىلىق تېرورلۇق ھەركەتلىردىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە زەربە بىرىشنى خالايدۇ.

 

جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرنىڭ زىيارىتنى قۇبۇل قىلغاندا ، ئامىرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ياردەمچى خادىمى ۋۇبېيچىڭ بىلدۈرۈپ:FBI جۇڭگو تەرەپنى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ بىرلىكتە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپ قوللانغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى FBI چۇقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. بۇندىن باشقا يەنە روسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سولويېف بىلدۈرۈپ : پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ  بارىلىق تېرورلۇق ئىدىيسىگە زەربە بېرشى كىرەك.



24-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek