ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېملى شەھىرىدىكى كوچىلاردا نۇرغۇنلىغان چىش تارتىش ، يالغان چىش سېتىش بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كوچا چىش دوختۇرلىرى بار ئىكەن . گەرچە ئۇلارنىڭ تىجارەت كېنىشكىسى بولمىسىمۇ ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارىدىغان بىمارلار خېلى كۆپ ئىكەن .
بۇنداق ئەرزان باھادىكى چىش دوختۇرلىرى بار كوچىلارنى يېڭى دېملى شەھىرىدىلا ئەمەس ، بەلكى ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە كۆرگىلى بولىدىكەن . بۇ دوختۇرلارنىڭ ئايرىم شىپاخانىسى ، قىممەت باھالىق داۋالاش ئۈسكۈنلىرى بولمىسىمۇ ، داتلىشىپ كەتكەن مۇچىنى بىلەن ئالىقانداق ‹‹ ئوپىراتسىيە ›› لەرنى قىلالايدىكەن . كوچىدىكى چىش دوختۇرلارغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن ، بىمارلار ئالدىن تىزىملاتمايدىكەن ، بىر يالغان چىش پەقەت 154 يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ ، تېخى بىر يىللىق كاپالەت مۇددىتىمۇ بار ئىكەن .
67 ياشلىق كوچا چىش دوختۇرىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ ئىلگىرى كۈنىگە 15 بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆرىدىكەن ، ھازىر بولسا بىر ھەپتىسىگە پەقەت ئۈچ ياكى تۆتنى كۆردىكەن . بىر ئېيىغا پەقەت 257 يۈەن خەلق پۇلى تاپىدىكەن . ئۇنىڭ ئىيتىشىچە ، ئۇنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، ئالىي دەرىجىلىك شىپاخانىدىكى دوختۇرلاردىن قېلىشمايدىكەن .
بىمارلارنىڭ كوچىدىلا بۇنداق داۋالاشنى ئېلىپ بېرىشى بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەن . چۈنكى كوچا چىش دوختۇرلىرى ئىشلەتكەن ئەسۋابلار دېزىنفېكسىيەسىز بولۇپ ، بەزىلىرى ھەتتا بىر قولىدا قول چىرىغى ياندۇرۇپ ، يەنە بىر قولىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىكەن . ھىندىستان ھۆكۈمىتى كوچىدىكى چىش دوختۇرلىرىنى چەكلىمىگەن ، ئەمما ھىندىستان دوختۇرلار جەمئىيىتى ئۇلارنىڭ كېسەل كۆرۈشىنى مەنئى قىلىشنى تەلەپ قىلغان ، ئەمما بىر تۈركۈم خەلق ئاممىسى بۇنىڭغا قارشى چىقىپ ، ئەگەردە كوچىدىكى چىش دوختۇرلار بولمىسا ، كەمبەغەللەر ، ئەمگەكچىلەر ، ئىشچىلارنىڭ داۋالىنالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved