سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا قوش ھەپتىلىك سىياسىي كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ،ھۆكۈمەت فۇنكىسىيىسىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە تەكلىپ بەردى .مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدى ۋە سۆز قىلدى .مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن پىڭ شىياۋفىڭ ،جۇەننىڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىدا پىكىر بايان قىلىدى .
ئەزالار مۇنداق دېدى :بۇلتۇردىن باشلاپ گوۋۇيۈەن ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمىنى ئىسلاھاتلاشتۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلدى .ھەرىكىتى تېز سالمىقى زور بولدى .بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇرۇپ ھۆكۈمەت فۇنكىسىيىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ھۆكۈمەت ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى .بىراق ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ئۆزگەرتىش يەنىلا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەم جاپالىق ۋەزىپە .بەزى ئورۇنلار ۋە جايلاردا بىكار قىلىنغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن تەستىق ھوقۇقىنىڭ سانىنى بىر تەرەپلىمە قوغلىشىدىغان مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى داۋامىدا ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىدىغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا تۇلۇق ئاكتىپ ئاشكارلىمايدىغان ئەھۋاللار ساقلانماقتا .ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يادرولۇق مەسىلە ھۆكۈمەت ۋە بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ،بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ،بازارلارنى تەرتىپكە سېلىپ قويسىلا بولمايدۇ .ھۆكۈمەت چوقۇم رول ئوينىشى كېرەك .ئەمما ھازىرقى مەسىلە مەمۇرىي تەستىق تۈرى بەك قالايمىقان .بەزى مەمۇرىي تەستقلار پايدا ئېلىشنىڭ ياكى ھوقۇق ئىزدەشنىڭ ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالغان .بۇ بازار ئىگىلىكىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدۇ .
مەمۇرىي تەستىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلشتا ئالدى بىلەن قانۇنچىلىق قارىشىنى كۈچەيتىش ،ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيىسى خىزمەت تەرتىپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسى قانۇندا بەلگىلىنىشى كېرەك .ھۆكۈمەت تەپسىلى قانۇن سېستىمىسى قۇرۇشنى چوقۇم قارالما كۈن تەرتىپىگە قۇيۇشى كېرەك .ئاشكارا بۇلۇش ھوقۇق ھەق يىغىش ،يەرلىكنىڭ كىرىمىدىن ئېرىشكەن باجنىڭ سانىنى ئاشكارىلاپ ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىگە قۇيۇش كېرەك .تۈزىتىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىپ ،قاتتىق باشقۇرۇش ئېغىر جازالاشنى يولغا قۇيۇش كېرەك .سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ،ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكىسىيىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاش كېرەك .
سۆھبەتتە چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلدى .كەيپىيات قىزغىن بولدى .ئەزالار ۋە مۇتەخەسىسى ئالىملار كۆز قاراشلىرى تەدبىرلىرى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى .يۈ جېڭشىڭ سۆز قىلىپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىرلەشتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved