12- ئاينىڭ14- كۈنى ياۋرۇپا بازىرىدا،خەلقئارا قەرەللىك نېفىت ئۇدا 7- سودا كۈنلۈك چۈشۈشنى كۆرسىتىپ، 2014- يىلنىڭ ئوتتۇرىدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ئۇدا چۈشۈش ۋاقتىنى ياراتتى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن خەلقئارا ئېنىرگىيە مەھكىمىسى(IEA) نىڭ مۆلچەرىدە كىلەر يىلى دۇنيا نېفىت تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن بولۇپ، بۇ مۆلچەر نېفىت باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن.
بۇلۇنتې قەرەللىك نېفىت باھاسى ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ھەر باكى 38 دوللارنىڭ تۆۋەنكى نۇقتىلېرىغىچە چۈشۈپ، 2008- يىلى 12- ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم 38 دوللاردىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى IEA ئىپادە بىلدۈرۈپ، نېفىت ئېھتىياج ئېشىش سۈرئىتى پەسەيگەن، لېكىن نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى(OPEC) نىڭ ئىشلەپچىقىرش ئىقتىدارى يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرماقتا. ئامېرىكا نېفىت باھاسى جۈمە كۈنى 35 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، 2009- يىلى 2- ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ نۇقتىغا كېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
12- ئاينىڭ4- كۈنى OPEC مەھسۇلات مىقدارىغا چەك قويۇش توغرىسىدا يېڭى كېلىشىم ئىمزالىيالمىغاندىن بۇيان، ئىككى چوڭ كۆرسەتكۈچلۈك نېفىت باھاسىنىڭ ئىككىلىسى ھەر كۈنى چۈشكەن. ئۆتكەن 6 كۈن ئىچىدە، ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا %13 چۈشكەن.
BMI Research تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، OPEC ئەزا دۆلەت ئىرانغا بولغان جازا بىكار قىلىنسا، ئۇ مەھسۇلات مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ،يېڭى تەمىنلەش ئېھتىمال كىلەر يىلنىڭ بېشىدا بازارغا كىرىشى مۇمكىن دەپ ئېيتقان.
BMI Researchنىڭ ئېيتىشىچە،" بارلىق يېڭى مەھسۇلات مىقدارى ئېكىسپورت قىلىنىدۇ، چىقىرىلغان زاپاس مىقدارى تەمىنلىشىدىن باشقا، 2016- يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىران نېفىت ۋە يېنىك نېفىت كۈندىلىك ئېكىسپورت مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 700 مىڭ باكقىچە ئاشۇرىدۇ." دەپ ئېيتقان.
مورگان تەھلىلچىسى دۈشەنبە تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، OPEC كىلەر يىلنىڭ كۈندىلىك تەمىنلەش مىقدارىنى ئېھتىمال 1 مىليون باكقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن.مورگان تەھلىلچىسى " 2016- يىل ئاشۇرۇلغان تەمىنلەش ئاساسەن ئىران، ئىراق ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن بولىدۇ،" دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
بېيجىڭ ۋاقتى 16:04 دە ، بۇلۇنتې قەرەللىك نېفىتباھاسى %0.10 تۆۋەنلەپ، 38.24 دوللار/باك بولدى؛ ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.36 تۆۋەنلەپ، 35.49 دوللار/باك بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved