16- دېكابر ياپونىيە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۇنجى قېتىم ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ھەق تەلەپ قانۇنىدىكى ئاياللارنىڭ ئاجراشقاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە قايتا توي قىلىشىنى چەكلەش بەلگىمىسى ياپونىيە ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ، ئەمما ئەر-ئايالنىڭ بىر خىل فامىلىنى ئىشلىتىشى ئاساسى قانۇنغا ئويغۇن، دېدى. بۇ ئىككى قانۇن 100 يىللىق تارىخقا ئېگە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا دەۋرىنىڭ ئارقىسىدا قالدى، ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈش ئىدىيىسى ساقلانغان، دەپ ئەيىبلەنگەن.
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىچىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھۆكۈمىگە قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەر-ئايالنىڭ بىر خىل فامىلىنى ئىشلىتىشىنى ئاساسى قانۇنغا خىلاپ ئەمەس دەپ ھۆكۈم چىقىرىشى ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىردەك، ئەر-ئاياللار ئايرىم فامىلە ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەر قايسى تەرەپلەنىڭ ئىھتىياتچانلىق بىلەن مۇنازىرە قىلىشىغا مۇھتاج. ئەمما ئايال دەۋاگەرلەر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرقى ھۆكۈمىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزنىڭ فامىلە ھوقۇقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved