بۇ پەسىل خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى مەشقاۋۇل ئالماشتۇردى. ئەمما كوماندىنىڭ نەتىجىسى كىشىلەرنى رازى قىلالمايدۇ. ھەرقايسى تاراتقۇلار خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىكى زىدىيەت نوقتىسىنى مەشقاۋۇل بېنتېزغا قاراتقان چاغدا، خان جەمەتى مادرىد يۇقىرى قاتلىمىمۇ، كىرىستىئانو رونالدو، بېل، راموس، خامىس رودىرىگۇس قاتارلىق توپچىلارنىڭ كوماندىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا مەسئۇليىتى بار دەپ قارىدى. ئالدىنقى ئايلانما ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسدە، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 0 : 1 نەتىجە بىلەن ۋىللار ئىلار كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. ھازىر بىرلەشمە رەت-تەرتىپتە بارسېلونا ۋە بىر شەھەردىكى ئەشەدىي رەقىبى مادرىد رىقابەت كوماندىسىدىن بەش نومۇر كەينىدە قالدى. خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى كوماندىنىڭ بۇنداق ناچار نەتىجىسى ئالدىدا كوماندىدىكى بەزى توپچىلارنىڭ پوزىتسىيە جەھەتتىكى ئىشلىرىغا گۇمان بىلەن قارىدى. خامىس رودىرىگۇس، كىرىستىئانو رونالدو ۋە راموس بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بۇ پەسىل بېنتېز بىلەن كىرىستىئانو رونالدو ۋە خامىس رىدورىگۇس ئوتتۇرسدا زىدىيەت كۆرۈلدى. كوماندىنىڭ نەتىجىسى خىرىس ئىچىدە قالغان پەيتتە، خان جەمەتى مادرىد يۇقىرى قاتلىمى كوماندىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ تۇراقلىق بولۇشىنى ۋە بۇلارنىڭ قىيىم ئۆتكەلگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. كىرىستىئانو رونالدونىڭ ئىپادىسدە چوڭ مەسلە يوق، ئاساسلىق ئۇنىڭ مەشقاۋۇل بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى يېتەرسىز، گەرچە بۇ پورتۇگالىيەلىك ئىلگىرى ئىپادە بىلدۈدۈپ: بېنتېز ياخشى مەشقاۋۇل دېگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ بىر ئەدەپ يۈزىسىدىنلا ئېيتىلغان سۆزلەر خالاس! بېنتېز بىلەن راموسمۇ بىر نەچچە قېتىم تاكاللىشىپ قالغان. سەۋەبى بولسا راموسنىڭ يارىلانغان مۆرە قىسمىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بېنتېزغا ياقمىغان، بېنتېز ئوخشاش بولمىغان بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغان. كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىنىڭ قارىشىدا، راموس ئۆزىنىڭ كاپىتانلىق ھوقۇقىنى ياخشى ئىشلىتىشى كېرەك. خامىس رودىرىگۇس بىلەن بېنتېز ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ناچار، كەينى-كەينىدىن يارىلىنىش ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ پەسىل بېنتېز بېلنى كوماندىنىڭ يادىرولۇق ئەزاسى قىلماقچى بولغان. بىراق بېنتېزنىڭ تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بېل قۇشۇلمىغان. خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى بېلنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. لېكىن ئۇ كۇلۇبنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى. بېل سەبدىشى كىرىستىئانو رونالدو بىلەن يەنە زىدىيەتلىشىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved