بالىلار كىتابخانىدا يېڭىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان ‹‹يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن›› ناملىق كىتابنى كۆرمەكتە
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 27-ماي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن ‹‹ئىلىم-پەن بىلەن كەلگۈسىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ، بىلىمنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلايلى›› تېمىسىدىكى پائالىيەت ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب بازىرىدا قانات يايدۇرۇلدى. چوڭ تىپتىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابى ‹‹يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟›› (6-نەشرى)نىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە نەشرى تارقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 100 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىتاب ھەدىيە قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. ‹‹1-ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا بۇ پائالىيەت ھەر مىللەت بالىلىرىغا سۇنۇلغان بايراملىق سوۋغا ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved