ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسى سەككىز قەۋەت بېكىتىنىڭ قېزىش خىزمىتى ئاياغلاشتى

     2015-يىلى قىش كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تېمپېراتۇرا مۇقىم بولۇپ، يۇقىرى-تۆۋەنلىك پەرقى ئانچە چوڭ بولمىدى، بۇ، قىش پەسىلىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەچكە، ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسى نۆۋەتتە چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلماقتا. 2-دېكابىر مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېترو 1-لىنىيەسى 8-قارارلىق قۇرۇلۇشى سەككىز قەۋەت بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ بېكەتنى قېزىش خىزمىتى نۆۋەتتە پۈتۈنلەي ئاياغلاشقان.    مۇخبىر مېترو سەككىز قەۋەت بېكىتى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدىن بۇ بېكەتنى قېزىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئاياغلاشقانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭ تەخمىنەن 28.8 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستى 3-قەۋىتىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، يەر ئاستى 4-قەۋىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنىڭمۇ ئاساسەن تاماملانغانلىقىنى كۆرگەن.

   جۇڭگو تۆمۈريول 4-ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ 8-قارارلىق قۇرۇلۇش تۈر دىرېكتورى شېن جىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئادەتتە 20-يانۋاردىن باشلاپ قىشلىق قۇرۇلۇش مەزگىلىگە قەدەم قويىدىكەن، تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولغاندا بېتون قۇيۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش تەس بولغاچقا، قۇرۇلۇش تەننەرخىمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن. قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، تەننەرخ تەخمىنەن 1 مىليون 650 مىڭ يۈەن ئېشىپ كەتكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، سەككىز قەۋەت بېكىتى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىدا جەمئىي 136 دانە تىك تۈۋرۈك بار بولۇپ، نۆۋەتتە 68 دانىسى قويۇلۇپ بولغان. لېكىن تېمپېراتۇرا تەسىرىدە تۈۋرۈك قويۇش سۈرئىتى ئاستىلاپ قالغان. نورمال تېمپېراتۇرىدا بىر تۈۋرۈكنى قويۇش ئۈچۈن ئۈچ كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدىكەن، لېكىن قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا بىر تۈۋرۈكنى قويۇش ئۈچۈن 10 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىكەن.

   سەككىز قەۋەت بېكىتى مېترو 1-لىنىيەسى بىلەن 3-لىنىيەسى ئۇچرىشىدىغان بېكەت بولۇپ، جەمئىي سەككىز كىرىش-چىقىرىش ئېغىزى تەسىس قىلىنىدىكەن، يەر ئاستى 1-قەۋەت بىلەن 2-قەۋەت خوجىلىق باشقۇرۇش ئورنى، يەر ئاستى 3-قەۋەت بىلەن 4-قەۋەت بېلەت ئىشلىرى ۋە مېترو تىجارىتى ئورنى ئىكەن. سەككىز قەۋەت بېكىتىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 22.3 مېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 331 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئوچۇق قېزىش بىلەن يېپىق قېزىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەكلىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېپىق قېزىلىدىغان قىسمى تەخمىنەن 200 مېتىر، ئوچۇق قېزىلىدىغان قىسمى تەخمىنەن 131 مېتىر ئىكەن.

   بۇ قارارلىق قۇرۇلۇش بىر بېكەت بىر رايون ئارىلىقىدا بولۇپ، ئايرىم ھالدا سەككىز قەۋەت بېكىتى، سەككىز قەۋەتتىن داشىگۇ بېكىتى رايون ئارىلىقىغىچە ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە رايون ئارا تۇنېل ئۇزۇنلۇقى 1.86 كىلومېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە 1.44 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۇنېل ياسىلىپ بولغان.



خەتكۈچلەر:
03-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا سىناق ئىشلىتىشكە كىرىشىدىكەن. ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۇنىۋېرسال قاتن...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     يېقىندا ئېچىلغان 19- قېتىملىق جۇڭگو بېيجىڭ پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە «ئاپتوبۇس مېتىرو» دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چى...
27-05-2016
   يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
27-05-2016
ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا نىسسان ئورگان تەرەپ NV300 نىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ماشىنىنىڭ ئورۇن بەلگىلىنىشى ھازىرقى NV200 دىن سەل يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە رىنائۇلى...
27-05-2016
تىنچ ئوكيان ئاپتوموبىل تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ شاڭخەي ۋولكسۋاگېندىن ئىگەللىشىچە، سانتانا  Cross نۇسخىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدىغان تەييۈەن ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە تۇنجى ئېلان ...
27-05-2016
بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلار ئەڭ يېڭى جىلى SUV تىپى NL-4 نىڭ ئاشكارىلانغان نىقابسىز سۈرىتىگە ئېرىشتى. بۇ ماشىنىدا جىلىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە تىلى قوللىنىلغان، جىلىنىڭ يېڭى لوگ...
27-05-2016
    ھىندىستان دۇنيا بويىچە ئىككىنچى نوپۇسى كۆپ دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، باي-نامراتلىق پەرقى بەك چوڭ. ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى - تاتا گۇرۇھى نامراتلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ خۇسۇسى...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مانگو خۇيۈ 2016-يىللىق جۇڭگو تارىمنى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم يېڭى مۇسابىقە بۆلىكى ئىشلەتتى، باشلىنىش نۇقتىسى چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرى، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى چاقىلىق...
27-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. چەتئەل تاراتقۇلىرى يېقىندا يېڭى نۇسخىدىكى مازىدا Axela ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى. سۈرەتتىن قارىغاندا، بۇ ئاپتوموبىل مازىدا Axela ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ئۆزگەرتىلگەن...
27-05-2016
    سەھەر گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: بۈگۈن (26-ماي) سائەت سەككىزلەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىنىڭ شياڭيۈن يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئورنىدا، شىمالغا قاراپ ماڭغان يېرىم پرىتسېپلىق ئىككى ماشىنىنىڭ...
Powered by Leglek