ئەلجەزىرە تورى 17-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن ئسرائىلىيەدە بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈپ ئاۋاز بېرىش خىزمىتى باشلاندى. خەلقنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قېتىم پەلەستىن مەسىلىسى قايغۇسى بىلەن ئەمەس، پارتىيەلەرنىڭ ئىقتىسادى پروگراممىلىرىغا قاراپ تاللاش ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما مۇھىم بولغىنى ئىتتىپاقنى كىمنىڭ قۇرىدىغانلىقى…
ئىسرائىلىيەدە بالدۇر ئۆتكۈزۈلگەن ئۇمۇمى سايلاملارغا 25 پارتىيە قاتنىشىدۇ. پارتىيەلەردىن بىر قىسمى ئىتتىپاق تۈزۈپ ئورتاق رىقابەتلىشىدۇ. ئوڭچىل، سولچىل، رادىكال مىللەتچى ۋە دىندار پارتىيەلەر بىلەن ئەرەب پارتىيەلىرى، يۈزدە 3.5 نىسبەتتىن ھالقىپ ئورۇنغا ئېرىشىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانياخۇنىڭ رەقىبى سىيونىست بىرلىك پارتىيىسى، ئەمما ئورۇن سانى تەخمىنەن 24. ئۇنداقتا ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن پارلامېنتتىكى 120ئورۇندىن 61 ئورۇنغا ئېھتىياجلىق. ئىسرائىلىيەدىكى تۈۋەن سايلام نىسبىىتى ۋە رىقابەتلەشكەن پارتىيەلەرنىڭ كۆپلىكى سەۋەبلىك ھۆكۈمەتلەر ئادەتتە ئىتتىپاق ھاسىل قىلىدۇ.
يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان رادىكال كۆز-قاراشلار كۆپىيىپ، تىنچلىق تەرەپدارلىرى ئازىيۋاتقان ئىسرائىلىيەدە، خەلق پەلەستىنلىكلەرگە قارشى قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرىۋاتقان ئوڭچىل پارتىيەلەرگە ئاۋاز بېرىۋاتىدۇ. ئەمما ئىقتىسادى شارائىتلار ناچارلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەندىشىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى كۈتۈلمەكتە . تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىشچى پارتىيىسى بىلەن ئىسرائىلىيە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن Tzipi Livni نىڭ رەھبەرلىكىدىكى Hatunah پارتىيىسى بىلە ئىتتىپاقداش بولغان سيونىست بىرلىك پارتىيىسى بىرىنجى پارتىيە بولۇپ چىقىدۇ، ئەمما 61 ئورۇنغا ئىگە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشى قىيىن بولىدۇ.
ئەمما نەتىجىلەرگە قارىغاندا، بىرىنجى پارتىيە سولچىل دەپ قارالغان سىيونىست بىرلىك پارتىيسى بولسىمۇ، ئوڭچىل ۋە رادىكال ئوڭچىل پارتىيەلەرنىڭ جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋاز سانى، سايلامغا قاتناشقان سولچىل پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېرىشكەن ئاۋازىدىن يۇقىرى. ئىككىنجى پارتىيە بولىدۇ دەپ قارالغان نىتانياخۇ رەھبەرلىكىدىكى لىكۇد پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇشى تېخىمۇ ئاسانراق بولىدۇ.
ئىسرائىلىيەدىكى پارتىيەلەر:
سولچىل ۋە مەركەز پارتىيەلەر:
Siyonist بىرلىك پارتىيسى
Yesh Atidپارتىيىسى
Meretzپارتىيسى
ئوڭچىل پارتىيەلەر:
Likud پارتىيىسى
Kulanu پارتىيىسى
Habayit Hayehudi پارتىيىسى
Israel Beiteinu پارتىيىسى
رادىكال پارتىيەلەر:
Shas پارتىيىسى
بىرلەشمە تەۋرات يەھۇدىيلىرى
Haám Itanu پارتىيىسى
ئەرەب نامزاتلىرى:
بىرلەشمە ئەرەب پارتىيەلىرى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved