ئوباما ئاسىياغا زىيارەتكە كېلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچى ؟

 ۋاڭيى تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

23-ئاپرېل ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2014-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئاسىيا سەپىرىنى باشلىدى .بۇ قېتىملىق مۇھىم سەپەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق .ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنىچ ئوكياننى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت .ئوباما ئۆزىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى تىنچ ئوكيان زۇڭتۇڭى دەپ ئاتىغان .ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان ‹ ئىقتىسانشۇناسلار ›ژۇرنىلى بۇ ھەقتە توختىلىپ خەۋەر بەرگەندە ،بىر غەيرى سۈرەتنى ئىشلەتكەن بۇلۇپ ،سۈرەتتە بىر جۈپ پۇت بىر ئىنچىكە ئارقاننىڭ ئۈستىدە مېڭىۋاتقان ،ئاياق بوغقۇچى بىر -بىرىگە چىڭ چىگىلگەن .ئېنىقكى بۇنداق بولغاندا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغىلى بولمايدۇ .ئەنگىلىيىنىڭ ‹ئىقتىسادشۇناسلار ›ژۇرنىلى بۇ سۈرەت ئارقىلىق ئوبامانىڭ خەتەرلىك يولدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ،ئەگەر بۇ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالمىسا ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۇنداقتا ئوباما بۇ خەتەرلىك يولدا مېڭىپ ،ئۆزىنىڭ ئاسىيادا تىنىچ ئوكياننىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تاكتىكىسىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرماقچى ؟

23-ئاپرېل ياپونىيىگە زىيارەتكە كەلگەن ئوباما ،شىنزۇ ئابى بىلەن توكيودىكى ،يسى چرو كۆكتات ھېسىبخانىسىدا كەچلىك غىزا يېدى .دۇكان خوجايىنى چېرو ئونو كۆكتات ھېسىپىنىڭ پىرى دەپ نام ئالغان .ئۇ مۇنداق د ېدى :‹ مەن ئەر ئايال مېھمانلارغا قاراپ ،كۆكتات ھېسىپىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى تەڭشەيمەن ،ئەگەر ھەممە ئادەم يەيدىغان كۆكتات ھېسىپىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بۇلۇپ قالسا ،تاماقلىنىش رېتىمى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ ›.كۆكتات ھېسىپ پىشۇرۇشتا داڭق چىقارغان ئونۇغا ئائىت كىنولار ئىلگىرى بېرلىن مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان .ياپونىيە ۋاقىت گېزىتى ،ئوباما بەلكىم ياپونىيە غىزالىرىنى كۆزلەپ كەلگەن بۇلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى .كۆكتات ھېسىپ ياپونىيە يېمەك ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى .ئۇنىڭغا ياپونىيە گۈرۈچى ئىشلىتىلسە تېخىمۇ يېيىشلىك بولدۇ .بىراق باج ئېغىر بولغاچقا ئامرېكىلقلارنىڭ ئۈستىلىگە چىقىش سەل قىيىن .ئەمما ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنىچ ئوكياندىن ھالقىغان تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدىكى مۇھىم مەقسەتلىرىنىڭ برى .

ئوباما بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنزۇ ئابىنى ئىچ -ئىچىدىن سۆيۈندۈرىدىغان كاتتا سوۋغات تەييارلىغان ،23-ئاپرېل ئوباما توكيوغا يېتىپ كېلىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن ،يۇڭيو خەۋەر گېزىتى ،ئوبامانىڭ ئىپادىسىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى ،ئوباما مۇنداق دېدى :‹ مەن ياپونىيە ئامېرىكا تىنچلىق ئاساسىي كېلىشىمىنىڭ بەشىنچى ماددىسنى قايتا تەكىتلىمەكچىمەن ،بۇنى ياپونىيىگە قاراشلىق دىياۋ يۈ ئارىلىنى ئۆز ئچىگە ئالغان بارلىق زېمىنغا تەدبىقلاشقا بولىدۇ ،2010-يىلى دىياۋ يۈ دېڭىز تەۋەسىدە جۇڭگو ياپونىيە پاراخوتلىرى ئوتتۇرىسىدا سوقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى يۇز بەرگەندىن كېيىن ،ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى دۆلەت كاتىپى ھېلارى كىلىنتونمۇ بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىپادە بىلدۈرگەن ،بىراق بۇ سۆزنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئېغىزىدىن چىقىشى تۇنجى قېتىملىقى .ئامېرىكا تىنىچ ئوكيانغا قايتىپ كېلىش ئىستىراتېگىيسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ،شىنزۇ ئابى ئامېرىكىغا نۇرغۇن سوۋغا سالام تەييارلىدى ، مەسلەن : پۇتىننىڭ بازىسىنى كۆچۈرۈش ،يەننە توققۇز مىڭ كىشىلىك ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنى كۆچۈرۈشتە بەزى راسخوتلارنى ياپونىيە ئۈستىگە ئېلىشقا قوشۇلدى .ياپونىينى ئوبامانىڭ مەلۇم سىياسىي دەرىجىسىگە ئېرىشتى دېيىشكە بولىدۇ .185-يىلىدىكى جياۋۇ ئۇرۇشىدا ،ياپونىيە ئېمپىرىيسى دىياۋ يۈ ئارىلىنى تارتىۋالغان ئىدى ،دىياۋ يۈ ئارىلى ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى .2014-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ،ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ‹دىياۋ يۈ ئارىلىنىڭ ھەقىقىي ›ماھىيىتى ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم لوس -ئانجىلىستا تۇنجى قېتىم قۇيۇلدى .فىلىمدە دىياۋ يۈ ئارىلى ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىدەك تارىخى پاكىت بىلەن ،ئوبامانىڭ خاتا كۆز قارىشىغا رەددىيە بېرىلدى .

ھۆكۈمەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ئامېرىكا دىياۋ يۈ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە بىتەرەپ مەيداندا تۇرمىدى ،بىراق ئارنىكا ،ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىك ئامانلىق ساقلاش شەرتنامىسىنى دىياۋ يۈ ئارىلىغا تەتبىقلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،گۇمانىي سادالار ئۈزۈلمىدى ،ئامېرىكا بۇ تالاش -تارتىشتا قانداق رول ئالدى ؟ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان ‹ پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى ›نىڭ خەۋىرىدە ، ئوبامانىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بىلدۈرگەن ئىپادىسى خۇددى بۇزۇقچىلىققا تارتىلغان ھېسسىياتقا ئوخشايدىغانلىقى سۆزلەندى .

ئوباما يەنە مۇنداق دېدى :‹ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىك ئامانلىق شەرتنامىسى مەن تۇغۇلماستىنلا بار ئىكەن .دېمەك بۇ مەن سىزغان قىزىل سىزىق ئەمەس ،بىز پەقەت بۇ شەرتنامىنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز خالاس ›.دىياۋ يۈ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى مەسىلىدە ئامېرىكا بىتەرەپ مەيداندا تۇرمايدۇ .ئوباما بۇ پوزىتسىي ئارقىلىق ياپونىيىگە ،بىز ئىتتىپاقداشلىق سۈپىتمىز بىلەن سىلەر بىلەن بولغان ئىتىپاقداشلىقتا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بىخەتەرلىك بۇرچىمىزنى يەنە بىر قېتىم بېكىتتىم ،شۇڭا سىلەر بىرەر ئىشقا ئۇچرىغاندا مەن چوقۇم ئارلىشىمەن ،سىلەر قالايمىقان خىياللاردا بولماڭلار ،تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار دېمەكچى .شىزۇ ئاب بىلەن ئوبامانىڭ مەلۇم بىر ھەجۋى رەسمىنى كۆرگەن كىشى ‹تىلى بىر دىلى باشقا ›دېگەن ماقال تەمسىلنى ئەسلىشى مۇمكىن .يۈزەكى ئىناقلىق ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ .مەسلەن ئوبامانىڭ ئاسىيا تىنىچ ئوكياننى قايتا تەڭپۇلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيسىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىقتىسادىي ئارقا تۈۋرۈك بار . ئۇ بولسىمۇ بىز دائىم تىلغا ئالىدىغان ، تىنىچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى سۆھبىتىدە ئىبارەت .ئاقساراي بۇ كېلىشىم سۆھبىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سوراۋاتىدۇ ،ئەمما ياپونىيىنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى ئانچە ئاكتىپ ئەمەس .شۇڭا ياپونىيە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ ئوبزورى گەرچە ،شىنزۇ ئابى بىلەن ئوبامانىڭ ھەر ئىككىلىسى گولف توپ ئويناشقا ئامراق بولسىمۇ ،ئۇلارنىڭ گولف توپنى ياخشى ئوينىيالىشى ناتايىن دېيىلدى .

4-ئاينىڭ 23- كۈنى ئوباما توكيوغا يېتىپ كەلگەن كۈنى ياپونىيە پارلامېنتنىڭ بىناسىنىڭ ئالدىغا نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر يىغىلدى .ئۇلار مۇنداق دېيىشتى :‹ ئوباما مەنچە چوقۇم سودا قىلغىلى كەلدى ،ئۇنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قېلىشنى خالىمايمەن ›.ئامېرىكا ياپونىيىدە بۇ بىر نەچچە ساھەدە ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ .بولۇپمۇ بۇ بىر سىياسىي مەسىلە .چۈنكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ،دېھقانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك .يېزا بولسا چوڭ بىر بېلەت ساندۇقى .ئالدىنقى كۈنى كېچىچە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن ،4-ئاينىڭ 25-كۈنى ياپونىيە ئىقتىساد مالىيە مەسئۇلى ئاكىرا ئاۋارى ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىردەك كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئۇنىڭدىكى ئاسالىق ئىختىلاپ ،ياپونىيە بۇغداي گۈرۈچ ،گۆش سۈت مەھسۇلاتلىرى ،شېكەر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېمپىروت تاموژنا بېجىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىت قىلغان .كورىيە مەركىزى گېزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە ،كۆكتات ھېسىپخانىدسىدىكى ئۇچرىشىشتا ئوباما بىلەن شىنزۇ ئابى پاراڭلاشقاندا ،ئوباما ئۇنىڭغا :‹سىنى قوللاش پىرسەنتى 60%،مېنى قوللاش نىسبىتى ئاران 40%،سىزنىڭ سىياسىي ئاساسىڭىز پۇختا شۇڭا يۇل قۇيشىڭىز كېرەك ›دېگەن .ئامېرىكا لوس -ئانجېلىس گېزىتى بۇنى تەھلىل قىلىپ ،بۇ يىل 11-ئايدا ئوباما ئۇتتۇر مەزگىللىك سايلامدا ؟خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ ،ئەگەر ياپونىيە بىلەن تىنىچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى تۈزۈلسە ، بۇ شۈبھىسىزكى چوڭ نەتىجە بۇلۇپ قالىدۇ دەپ قارىدى .ئەمما ئوبامانىڭ دىياۋ يۈ ئارىلى مەسىلىسىدىكى دوستانىلىقى شىنزۇ ئابىنىڭ تىنىچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشم سۆھبىتى مەسىلىسىدىكى دوستانىلقىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى .4-ئاينىڭ 24-كۈنى ياپونىيە ئاگېنتلىقى ئوبامانىڭ ئەگەر تىنىچ ئوكياندىن ھالقىغان تىنىچ ئوكيان تىنچلىق سۆھبىتى كېلىشىمى نەتىجىلىك بولمىسا ۋاشىنگىتون بۇ قېتىمقى زىيارەتنى مەغلۇبىيەت دەپ قارايدۇ دېگەن .

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
01-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek