شىنلاڭ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئىشەنچىلىك خەۋەرلەردە 4-ئاينىڭ 21-كۈنى دېيىلىشىچە ، تۈركىيە ‹رادىكال گېزىتى ›نىڭ 19-چېسىلادىكى خەۋىرىدە ،تۈركىيىنىڭ ھازىر مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ wwwدىن باشلانغان خەلقئارا ئىنتېرنېت تورىنىڭ دۇنيا كەڭ تورىدىن ۋاز كېچىپ ،يېڭى بىر tttدىن باشلانغان دۆلەت ئىچى كەڭ تورىنى قۇرماقچى ئىكەنلىكىنى يازغان .
ئىسپانىيە ‹ئا ب س ›گېزىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە ، تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان ، ئىلگىرى قانۇنسىز ھالدا توردا تارقىلىپ كەتكەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئالىي ئەمەلدارلىرى سۆھبىتى سەۋەبىدىن youtubleنى تاقاشقا ئۇرۇنغان ،بۇ ئىش تۈپەيلى ئىنتىرنىتتا بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرە پەيدا بولغان .ترانسىپورت مىنىستىرى لۇتفى بىر مەيدان جەمئىيەت تورى مۇنازىرىسىدە ،پۈتكۈل ئىنتېرنېت دۇنياسىنى ئامېرىكا كونترول قىلىدۇ ، بۇ دەخلى تەرۇز قىلىشقا چېتىلىدۇ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن .شۇنىڭ بىلەن بىرگە ‹ئۇنداق بولمايدىكەن ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆز ئالدىغان دۇنيا كەڭ تورى بولغان wwwنى يوقىتىپ ،ئۆز دۆلىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى بىر كەڭ تورنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك دەپ ئەسكەرتكەن .
لۇتفى ئارۋان مۇنداق دېدى :‹بۇ مەسىلە خېلى بۇرۇنلا مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغان ،تۈركىيە tttكەڭ تورىنى قۇرۇپ چىقىپ ،wwwنىڭ ئورنىغا دەسسەتسە بولىدۇ .شۇنىڭدەك تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ ئۆز ئالدىغا تور سېسىتىمىسى قۇرۇپ چىقسا بولىدۇ ›. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت تورىمۇ قوغدىلىش كېرەك ، بىز مۇشۇنداق مەسلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشىمىز كېرەك دەپ كۆرسەتكەن .
لەگلەك تور ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved