شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 9-يانۋار تايلاندىنىڭ باڭكوك شەھىرىدە دۆلەتلىك قانۇن تۇرغۇزۇش پارلامېنتى تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلۇكنى ئەيىبلەش بويىچە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 9-يانۋار تايلاندىنىڭ باڭكوك شەھىرىدە دۆلەتلىك قانۇن تۇرغۇزۇش پارلامېنتى تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلۇكنى ئەيىبلەش بويىچە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى، يىڭلۇك پارلامېنت بىناسىغا كېلىپ ئۆزىنى ئاقلىدى. دۆلەتلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتى يىڭلۇك ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، يىڭلۇكنىڭ گۈرۈچ تولۇقلىما پىلانىدىكى باشقۇرۇش سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئېغىر چىرىكلىشىش ھادىسىسىنى ئەيىبلىدى.
يىڭلۇك 2011-يىلى سايلام ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن دېھقانلارنىڭ گۈرۈچىنى بازار باھاسىدىن % 40 تىن % 50 كىچە يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش پىلانىنى يولغا قويغان . بۇ پىلان تايلاندقا جەمئىي 878 مىليارد تايلاند باتى زىيان كەلتۈرگەن. ئەگەر بۇ ئەيىبلەش دېلوسى ماقۇللانسا، ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ ئىشقا قارىتا رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇپ، يىڭلۇكقا بەش يىلغىچە سىياسىي بىلەن شۇغۇللانماسلىق جازاسى بېرىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved