ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى: رازۋىتكا سۈنئىي ھەمراھ تەمىنلىگەن ئىز قوغلاش سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە چۈشۈپ كەتكەن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭMH17 - قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن.
ھازىر ئامېرىكا دائىرلىرى سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ كونكىرىت قويۇپ بېرىلىش ئورنىنى مۆلچەرلىمەكتە.
مالايىسىيا دائىرلىرى مۇنداق دېدى: بۇ ئايروپىلان ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ھېچقانداق قۇتقۇزۇش سىگنالى چىقارمىغان، شۇڭلاشقا ھاۋا ھادىسسىنى ئايرۇپىلاننىڭ تۇيۇقسىز پارتلاپ پارچىلىنىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، مالايىسيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لېدىرى گىتىر مۇنداق دېگەن: مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 -قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا ئاز دېگەندە 154 گوللاندىيەلىك، 27 ئاۋستىرالىيەلىك، 23 مالايسىيالىق، 11ھىندونوزىيەلىك، ئالتە ئەنگىلىيەلىك، تۆت گېرمانىيەلىك، تۆت بىلگىيەلىك، ئۈچ فىللىپىنلىق، بىر كانادالىق باركەن، قالغان 47 كىشىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىق ئەمەسكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved