تېڭشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.شىنخۇا تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى خۇنەن شاۋياڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ،شۇ كۈنى خۇنەن شاۋياڭ ناھىيىسىنىڭ زىجىياڭ جىيۇ گۇڭ كۆۋرۈكى ئەتراپىدا كېمە بىرلىكتە چۆكۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن .
22 -چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00ئەتراپىدا مۇخبىر سۈزۈۋېلىش ۋە قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا ،چۆكۈپ كەتكەن كېمىنىڭ قۇتقۇزغۇچى خادىملار تەرىپىدىن سۈزۈۋېلىنىغانلىقىنى كۆردى .تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا كېمىدە جەمئىي 18 ئادەم بار بۇلۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە 9 كىشى دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىلگەن ،8 ئادەم ئۆلگەن ،بىر ئادەم يوقاپ كەتكەن .قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ .
ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان خادىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق 21-چېسىلا شاۋياڭ ناھىيىسى جىيۇ گۇڭ كۆۋرۈكى بازىرى تاڭ خۇڭ كەنتىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى چۈشلۈك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ،قوشنىسىنىڭ كېمىسىنى ئارىيەت ئېلىپ ئويناشقا چىققان .18 نەپەر ئادەمنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولغان ئۇرۇق -تۇغقانلار ئىكەن . ئەمما بەختكە قارشى كېمە چۆكۈپ كەتكەن .مۇخبرنىڭ ئىگىلىشىچە ،ئۆلۈپ كەتكەن ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە 5 نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئادەم بار بۇلۇپ ئەڭ كىچىكى ئارانلا بىر ياش ئىكەن .بۇنىڭدىن باشقا ئەي ياشقا چوڭايغان كىشى 64 ياش ئىكەن .تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ،ئەسلىدە چۆكۈپ كەتكەن بۇ كېمىگە ئۆلچەم بويىچە 8 ئادەم چىقسا بولىدىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved