رونالدونىڭ 2-بالىسى ئۈچۈن ۋاكالەتچى ئانا ئىزدەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

        2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رونالدو تۇيۇقسىزلا ئۆزىنىڭ دادا بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، كىچىك رونالدونى ئانىسىنىڭ كىملىكى يەنىلا سىر. رونالدو ئېرىنا بىلەن ئايرىلىپ كەتكىلى بىر يىل بولدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئىككىنچى قېتىم دادا بولۇشنى پىلانلىدى. پورتوگالىيەنىڭ Flash!Vidas تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رونالدو ئىككىنچى بالىلىق بولۇش مۇساپىسىنى قوزغاتقان. ئۇنىڭ روجىستوۋ مەزگىلىدە مىئامىغا بېرىشىدىكى سەۋەب بولسا ئۆزى ئۈچۈن بالا تۇغۇپ بېرىدىغان ۋاكالەتچى ئانا تېپىشنى مەقسەت قىلغان.

         روجىستوۋ مەزگىلىدە، رونالدو مىئامىغا باردى ھەمدە نەق مەيداندا مىئامى ئوت كوماندىسى بىلەن دىترويىت پورشىن كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردى. ئىگەللىنىشىچە رونالدونىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقى مەقسىتى بولسا ۋاكالەتچى ئانا ئىزدەش ئىكەن. رونالدونىڭ ئانىسى فىلورىدادا تۇغۇت دوختۇرى بىلەن ئالاقىلەشكەن. 2010-يىلى كىچىك رونالدو فىلورىدادا تۇغۇلغان. ناۋادا رونالدونىڭ ئىككىنچى ئوغلى فىلورىدادا تۇغۇلسا، ئۇنداقتا رونالدونىڭ ئىككىلا بالىسى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئىگە بولىدىكەن.

     گەرچە ۋاقتىنچە قىز دوستى يوق بولسىمۇ، ئەمما رونالدو يەنىلا دادا بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رونالدو ئىلگىرى كۆپ قېتىم دادىغا ئايلانغاندا مەسىلىگە مۇئامىلە قىلغاندا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان نۇقتىدىن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە رونالدو ئالدىنقى يىلى 8-ئايدا ئۆزىنىڭ بەش-ئالتە بالىلىق بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بالىغا ئامراقلىقىنى بىلدۈرگەن.

     رونالدو بالىنى ياخشى كۆرىدۇ، كىچىك رونالدومۇ ئاتىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. تىۋىتىردا رونالدو بىر بۆلۈك ۋىدىئونى ھەمبەھىرلىگەن. بۇ ۋىدىئودا كىچىك رونالدو بىر يالغان سائەت سىزغان ھەمدە سائەتنى سوۋغات سۈپىتىدە دادىسى رونالدوغا سوۋغا قىلغان.




خەتكۈچلەر:
15-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek