ئۈرۈمچى مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ 16 بېكىتىنىڭ نامى بېكىتىلدى

       ئۈرۈمچى مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ 16 ئورۇندىكى بېكىتىنىڭ نامى بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز ئورۇندىكى بېكەتنىڭ نامىدا ئۆزگىرىش بولغان. بۇ 16-دېكابىر مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى رايون پىلانلاش، يەر ناملىرى باشقارمىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇر.

        ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى جەنۇبتا يەنئەن يولىدىن باشلىنىپ، يەنئەن يولى، داۋان يولى، بەخت يولى، خەلق يولى، خېيلۇڭجياڭ يولى، نەنچاڭ يولى، پىڭچۈەن يولى، ۋېيتەي يولىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرقى بېكەت خۇاڭشەن يولىغا يېتىپ بېرىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 19.35 كىلومېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن لىنىيەگە 16 بېكەت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 2020-يىلى قاتناش باشلىنىشى مۇمكىن.

      ئالدىنقى باسقۇچلۇق پىلانلاش جەريانىدا بېكەت ناملىرى تەسىس قىلىنمىغان بولۇپ، مەركىزىي شەھەردە 2-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى ئاساس قىلىپ، شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى يەر ناملىرىنى پىلانلاش باشقارمىسى مەركىزىي شەھەرنىڭ مېترو بېكەتلىرىگە قايتىدىن نام قويغان.

      <<ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش چارىسى>>دىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نامىنى يەر نامى قىلىپ قوللىنىشقا بولمايدۇ؛ چەت ئەللىكلەرنىڭ نامى، يەر نامى ۋە ئاھاڭداش خەتلەرنى، يېقىن كېلىدىغان خەتلەرنى يەر نامى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛ ئىشلەتكەن خەتلەر ھەممىباب، ھەممەيلەن چۈشىنەلەيدىغان، يېڭى سۆزلەردىن خالىي بولۇشى كېرەك. ئىلگىرىكى ئىشلىتىش پىلانغان 16 بېكەت ئىسمىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى بېكەت ناملىرىغا كونا يەر ناملىرى، ئەتراپتىكى يوللار ۋە ئەتراپتىكى جۇغراپىيەۋى ئورۇنلارنىڭ ناملىرى ئىشلىتىلگەن.

        بۇنىڭ ئىچىدە، توققۇز بېكەتنىڭ نامىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولغان، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەسلىدىكى چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى بېكىتى شامالباغ بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ئەرداۋان بېكىتى خېيجاشەن بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى مائارىپ ئىنىستىتۇتى بېكىتى بەخت يولى بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتى بەخت يولى غەربىي بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ئىستىرېئولۇق كۆۋرۈك بېكىتى ئوتتۇرا كۆۋرۈك بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكە نەنچاڭ ئولتۇراق رايونى بېكىتى نەنلياڭپو بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ئالغا كوچىسى بېكىتى جيۇجياۋەن بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ئېلېكتروۋۇز بېكىتى ئۈرۈمچى بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئەسلىدىكى خۇاشەن يولى بېكىتى خۇاشەن كوچىسى بېكىتىگە ئۆزگەرتىلگەن.

       شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ 16 بېكىتىنىڭ نامىنى قېلىپلاشتۇرۇلغاندىن باشقا، شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى رايون پىلانلاش، يەر ناملىرى باشقارمىسى پۈتۈن شەھەردە ھازىر بار بولغان بارلىق ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرى، كوچا ناملىرىدا ساقلانغان نامۇۋاپىق ئەھۋاللارنى، ناملارنى تەكرارلىنىش ھادىسىلىرىنى ئۆزگەرتىدىكەن بۇنىڭدىن كېيىن، ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ھۆججەت، كىنىشكا، كىنو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، كىتاب، ئېلان قاتارلىقلاردا ئىشلەتكەن يەر ناملىرى رەسمىي ئېلان قىلىنغان يەر ناملىرىنى ئۆلچەم قىلىشى، خالىغانچە ئۆزگەرتىلمەسلىكى كېرەككەن.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئۆتكەن يىلى ئېلىمىز تۆمۈر يول تىرانسپورتىدا توشۇلغان يولۇچى 2 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمغا، يۈك 3 مىليارد 360 مىليون توننىغا يېتىپ، ئورۇندالغان تىرانسپورت خىزمىتى م...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:     تاڭزۇڭزا چاغانلىق دەم ئېلىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەنزىرە رايونلىرى ئاۋاتلاشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 27- ماي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن قالغان بىر كونا ئايروپىلان نيۇيورك بىلەن يېڭى جېرسىي شىتاتى ئارىسىدىكى خادىسۇن دەرياسىغا چۈش...
27-05-2016
     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا سىناق ئىشلىتىشكە كىرىشىدىكەن. ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۇنىۋېرسال قاتن...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     يېقىندا ئېچىلغان 19- قېتىملىق جۇڭگو بېيجىڭ پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە «ئاپتوبۇس مېتىرو» دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چى...
27-05-2016
   يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
27-05-2016
ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا نىسسان ئورگان تەرەپ NV300 نىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ماشىنىنىڭ ئورۇن بەلگىلىنىشى ھازىرقى NV200 دىن سەل يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە رىنائۇلى...
27-05-2016
تىنچ ئوكيان ئاپتوموبىل تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ شاڭخەي ۋولكسۋاگېندىن ئىگەللىشىچە، سانتانا  Cross نۇسخىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدىغان تەييۈەن ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە تۇنجى ئېلان ...
27-05-2016
بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلار ئەڭ يېڭى جىلى SUV تىپى NL-4 نىڭ ئاشكارىلانغان نىقابسىز سۈرىتىگە ئېرىشتى. بۇ ماشىنىدا جىلىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە تىلى قوللىنىلغان، جىلىنىڭ يېڭى لوگ...
27-05-2016
    ھىندىستان دۇنيا بويىچە ئىككىنچى نوپۇسى كۆپ دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، باي-نامراتلىق پەرقى بەك چوڭ. ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى - تاتا گۇرۇھى نامراتلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ خۇسۇسى...
Powered by Leglek