ئافغانىستاندا 35 نەپەر تالىبان قۇراللىقى ئۆلتۈرۈلدى

يەر شارى خەۋەر تورى 6-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى زابۇل رايۇنىدا تالىبان بىلەن ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئارىىسدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا 35 نەپەر تالىبان قۇراللىقى ئۆلتۈرۈلدى. زابۇل رايۇنى ۋالىي ۋەكىلى ئەشرەف ناسىرى، ئافغانىستان قۇراللىق قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن شاھ جوي رايۇنىدا ھەرىكەت ئېلىپ بارغان جەرياندا تالىبان قۇراللىقلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى، توقۇنۇشنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشۋاتقانلىقىنى، توقۇنۇشتا ھازىرغا قەدەر 35 نەپەر تالىبان قۇراللىقىنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى ، 25 نەپىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى. ناسىرى، توقۇنۇشتا 6 نەپەر تالىبان قۇماندانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئافغانىستان قىسىملىرى ۋە پۇقرالارنىڭ ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. تالىبان ھەرىكىتى باياناتچىسى قارى يۈسۈف ئەھمەدى، 5 نەپەر تالىبان قۇراللىقىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 9 نەپەر ئافغانىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئافغانىستاندا يەنە، غەزنە ۋىلايىتىنىڭ دەھ يەك رايۇنىدا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا ئاپتۇبۇس ئۆتۈۋاتقاندا پارتىلاپ نەتىجىدە 2 بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 كىشى يارىلانغان. ئافغانىستاندا يېقىنقى كۈنلەردە تالىبان ھەرىكىتى «باھار ھۇجۇمى» باشلىغاندىن بۇيان توقۇنۇش ۋە پارتلاش ۋەقەلىرى كۆپەيدى، ئافغانىستان دائىرلىرى تالىبانغا قارشى 13 رايۇندا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



07-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek