لەگلەك تورى تەرجىمىسى: 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى «پايدىلىنىش خەۋەرلىرى»تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشچە، ھىندىستان پايتەختگە قاراشلىق چەت رايون كاشاماخابىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىر ئىكەن.
ھىندىستان «تېز خەۋەرلەر گېزىتى »تور بېكىتى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بىر ئەخلەت تۆكۈش مەيدانى، ئىككى باس (ئاپتوبۇس) بېكىتى،بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يەنە بىر دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، ئىككى سانائەت رايون، مانا بۇ دېھلىنىڭ چېتىدىكى شەھەرلەشكەن بازار. 30 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، بۈگۈنكى كاشاماخابى كەم دېگەندە 25 مىڭ ئاھالىسى بار زەھەرلىك گاز قازىنىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
كاشاماخابىدا يولۇچىلار ئاپتۇبوسى، ماشىنا ۋە تاكسىلارنى سانىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كەم دېگەندە 1000دىن ئارتۇق باشقۇرۇش ۋە نازارىتى يوق سانائەت زاۋۇت بىناسى بار.
C L ئاغاۋار بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئاھاللەرنىڭ بىرسى. 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاغاۋار ساقىلىغىلى ئۇزۇن بولغان بىر ئىشنى قىلدى. سەھەردە ماسكا تاقىماي پىيادە مېڭىش.
بانگالور دوختۇرىنىڭ دىياگنوزغا ئاساسلانغاندا، ئاغاۋارنىڭ بۇرۇنقى قوشنىسى، يەنى دېھلى مىنىستىرلار باشلىقى ئارۋىدىن كېجىلىۋارنىڭ بەلگىلىك يۆتىلىنىڭ باش جىنايەتچى بولسا ئۇ 15 يىل نەپەسلەنگەن بۇلغانغان ھاۋا ئىكەن.
ئۇنىۋېرسال تېبابەت دوكتورنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2 يىل ئىلگىرى قانات يايدۇرغان ساغلاملىق ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئەھۋالنى بايقىغان.بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان دوكتور مۇنداق دېدى:« نەتىجىدە كۆرسىتىلىشچە، 50%دىن ئارتۇق ئاھاللىنىڭ نەپەسلىنىش يولىدا مەسىلە بار بۇلۇپ، ئۆپكە ئىقتىدارى ناچارلاشقان.
كۆپلىگەن ئاھاللىلەر بۇ رايوننىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىغا قارىتا قاتتىق ئۈمۈدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved