نۇرغۇن ئادەم ئىگىلىك تىكلەشتە مەبلەغدىن قىينىلىدۇ، قانداق قىلغاندا ئاز دەسمايە بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ، تېز مەبلەغ توپلىغىلى بولىدۇ؟ بىز ئۈچ چارىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلار بۇنى ئوبدانراق تەتقىق قىلىپ باقسا بولىدۇ.
تاۋار بازىرىدا گۆھەر قېزىش
كەسپىي تاۋار بازارلىرىغا، مەسىلەن: كىيىم – كېچەك توپ سېتىش بازىرى، ئۇششاق تاۋارلار بازىرىغا بىر قېتىمدىلا مەلۇم مەبلەغ سېلىپ، بىر يىل ياكى يېرىم يىللىق ئىجارە ھەققى ھەم دۇكانغا مال كىرگۈزۈش ھەققىنى تۆلىسىڭىز، سودا سارايلىرى سىزگە سودا – سانائەت تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىپ، سىزنى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكتىن خالىي قىلىدۇ. ئاۋات سودا بازارلىرىنى تايانچ قىلسىڭىز، خەۋپ ئاز بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىي كۈچىڭىزنى كۆپرەك سەرپ قىلىسىز.
A خانقىز كىيىم لايىھەلىگۈچى بولۇپ، كىيىم – كېچەك شىركىتىدىن ئىستېپا بېرىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزى ئىگىلىك تىكلەپ، كىيىم – كېچەك بازىرىدا باشقىلارنىڭ دۇكىنىنى ئىجارە ئېلىپ، توپ تارقىتىش ۋە پارچە سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ كىيىم لايىھەلەش جەھەتتىكى ئىقتىدارى ۋە كەسپىي تەجرىبىسىگە تايىنىپ، كىيىملەرنى ئۆزى لايىھەلىگەن ھەم ئۆز دۇكىنىدا تىكىپ ساتقان. ئۇنىڭ لايىھەلىگەن كىيىملىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولغاچقا، تېز بازار تاپقان.
تەكلىپ: .1 ئادەم ئېقىمى سودا سارايلىرىنىڭ تىجارىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق ئامىل، شۇڭا تىجارىتى ناچار بازارلاردا تىمىسقىلاپ يۈرگەندىن، خېرىدارى كۆپ بازاردا كۆپرەك ئىجارە تۆلەپ تىجارەت قىلغان ياخشى؛ .2 ئۆزى پىششىق بىلگەن كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك.
ئاۋات بازارلاردا دۇكان ئىجارە ئېلىپ ئىگىلىك تىكلەش
بۇ ئۇسۇل ۋاكالىتەن سېتىشقا ئوخشاپ كېتىدۇ، بىراق بۇ دىت بولۇش، مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردىن خەۋەردار بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭدا خەۋپمۇ چوڭراق، ئېرىشىدىغان نەپمۇ كۆپرەك بولىدۇ. بۇنداق ئۇسۇل سېتىۋېلىش ۋە ماركىتېڭ خادىملىرىغا ماس كېلىدۇ.
B ئەپەندى مەلۇم شەھەرگە ئاتبوسكىغا بېرىپ، بۇ جايدا قارىغاي ئۇرۇقى سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى ۋە باھاسىنىڭ ئەرزانلىقىنى، ئۆزى تۇرۇۋاتقان شەھەردە قارىغاي ئۇرۇقى سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ ناھايىتى ئازلىقى، باھاسىنىڭ ھەم قىممەتلىكىنى بايقاپ، چاغاندىن ئىلگىرى بۇ شەھەردىن مەلۇم مىقداردا قارىغاي ئۇرۇقى سېتىۋېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى ئادەم ئەڭ كۆپ يېمەكلىك توپ ۋە پارچە سېتىش بازىرىدىن دۇكان ئىجارە ئېلىپ تىجارەت قىلغان. چاغان مەزگىلىدە ئۇنىڭ ماللىرى پۈتۈنلەي سېتىلىپ تۈگىگەن، ئۇ ئويلىمىغان يەردىن 300 مىڭ يۈەن پايدا ئالغان.
تەكلىپ: .1 خەۋپ چوڭراق بولغانلىقى ئۈچۈن، بازار ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلەش ھەم مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش پەسلى ۋە سۈپەت مۇددىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. يېمەكلىك تۈرىدىكى تاۋارلارغا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. .2 ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئۆز ئورنىدىكى كىشىلەرنىڭ مەھسۇلاتنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنى ئويلىشىش كېرەك، ئوخشاش تاۋارنىڭ ئوخشىمىغان جايدىكى ئىستېمالىدا زور پەرق بولىدۇ، شۇڭا بازارنى ئاساس قىلىش كېرەك.
ئىشخانىدا ئىگىلىك تىكلەش
D ئەپەندى بىلەن E خانقىز لايىھەلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاشىق – مەشۇقلاردىن ئىدى. ئۇلار ئېلان شىركىتىدە بىر نەچچە يىل ئىشلىگەندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆزلىرى ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان. ئۇلار، ئالدى بىلەن، لايىھەلەش ئورنى ئېچىپ، ئۇششاق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەپ، كەسىپ دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتكەن. ئۇلار نەشرىيات، مەكتەپ، باسمىخانا قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلەشكەن، ئىشخانىدا لايىھەلەش تەننەرخى تۆۋەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت باھاسىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى ئۇلارنى خىزمەتتە زور ئۇتۇققا ئېرىشتۈرگەن، نەتىجىدە ئۈچ يىل ئىچىدىلا ئۇلار تۇرالغۇ ۋە ئاپتوموبىلغا ئېرىشكەن.
تەكلىپ: 1 . يۇقىرى كەسپىي ئىقتىدار، ياخشى مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت بازاردا ئۇتۇق قازىنىشىڭىزدىكى ئاچقۇچتۇر. مەھسۇلاتىڭىز كىشىنى رازى قىلالمىسا، باھا قانچە ئەرزان بولسىمۇ، بەرىبىر تىجارىتىڭىز ئاقمايدۇ؛ 2 . مەلۇم خېرىدار مەنبەيىڭىز بولۇشى كېرەك، تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر بىلەن تىجارەت قىلىپ، مەھسۇلات ئىناۋىتىنى ئاشۇرغاندىلا، كەسىپتە يۈكسەلگىلى بولىدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved