ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش شۇ يەر ۋاقتى 25-ماي سائەت 20 دە ئاياغلاشتى. تۈرلۈك ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، زۇڭتۇڭ نامزاتى پوروشېنكو تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلغان.
ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى ئاۋاز بېرىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇستەقىللىقنى جاكارلىغان شەرقتىكى دونىسسىك ۋە لۇگانسىك ئوبلاستلىرىدىن باشقا، مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرى تىنچ ۋە دېموكىراتىك كەيپىياتتا سايلام ئۆتكۈزدى. يۇقارقى ئىككى ئوبلاستتىكى خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى سايلامغا ئارىلىشىپ، نۇرغۇن جايلارنىڭ سايلام پائالىيەتلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇگانسىكدىكى يەتتە جايدىكى ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن بۇ ئاۋاز بېرىش پونكىتلىرىدا خىزمەتچى خادىملار، ئاۋاز بېرىش جاندۇقلىرىمۇ ھەتتا ئاۋاز بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان.
ئاۋاز بېرىلگەن كۈنى، دونىسسىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى پۇشىلىن مۇنداق دەپ جاكارلىدى: دونىسسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن لۇگانسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىتتىپاقى قۇرۇش ھەققىدە بىرلەشمە خىتابنامە ئىمزالىدى، يەنە ئىتتىپاق پارلاممېنتى قۇرۇشنى تەستىقلىدى.
دونىسسىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەنە بىر رەھبىرى گۇباريوۋ مۇنداق دېدى: بىز ئۇكرائىنا سايلىمىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن يېڭى زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنتى ئېتىراپ قىلمايمىز، چۈنكى دونىسسىك بىلەن لۇگانسىك جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل دۆلەتلەر.
ئۇكرائىنانىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى پېترېنكو ئاۋاز بېرىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى ئاۋاز بېرىشتە كەڭ كۆلەملىك كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرى مەۋجۇت بولمىدى، سايلام سەمىمي، ئاشكارە، دېموكىراتىك ئېلىپ بېرىلدى، شۇڭا سايلام نەتىجىسى قانۇنلۇق. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ رەئىسى نوۋوتېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكى سايلام جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە كۆز بويامچىلىق قىلىش ھادىسلىرىنى بايقىمىدى. مەن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ بېرىلگەن ئاۋازلارنى ئىستاتىستىكا قىلغان ھەمدە ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندا تېخىمۇ ئاشكارە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نوپۇزلۇق ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگىنى ئىشلىگەن تۈرلۈك ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، زۇڭتۇڭ نامزاتى پوروشېنكو تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلغان. سابىق زۇڭلى تېموشىنكو قوللاش نىسبىتى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، لېكىن پوروشېنكو بىلەن روشەن پەرقلىق بولغان، رادىكال پارتىيەنىڭ رەھبىرى رىياشىكوۋ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.
ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئەزا بولۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاش تەييارلىق خىزمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى قوللىغۇچىلار پايتەخت كىيىف ۋە ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ يىل فېۋرالدا، نامايىشچىلار ساقچىلار بىلەن كىيىف مۇستەقىللىق مەيدانى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشقان، توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئۆلۈم يىتىم بولغان. ئۇكرائىنا پارلامېنتى ئارقىدىن شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ يانوكوۋىچنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پارلامېنت باشلىقى تۇرچىنوفنى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەشكە تەيىنلىگەن ھەمدە ئۇنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە بويرىغان. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئۇكرائىنادا 25-ماي زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. مىليادېر پوروشېنكو، سابىق زۇڭلى تېموشىنكونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 نامزات زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى تالاشتى.
ئۇكرائىنا قانۇنىغا ئاساسەن، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. ھەر قانداق زۇڭتۇڭ نامزاتى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتە يېرىمدىن كۆپىرەك ئاۋازغا ئېرىشسىلا زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنالايدۇ، بىرىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 4-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ. ناۋادا تۇنجى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە بىرمۇ نامزات 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشەلمىسە، ئېرىشكەن بېلەت سانى جەھەتتە ئالدىدا تۇرغان ئىككى نامزات 15-ئىيۇن ئىككىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىدۇ، ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن نامزات زۇڭتۇڭ بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved