سىنا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .iPhone غا دائىر ئۇچۇر ۋە تېخنىكىلىق خەۋەرلەر ئىنتايىن كۆپ قېتىم ئېلان قىلىندى . بىراق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەڭدىن تولىسى iPhone نىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى بىلمەيدۇ . iPhone نىڭ سىستېمىسى iOS 7 گە يېڭىلانغاندىن كېيىن كىشىلەر توپىدا كۆپ قىسىم كىشىلەر پەقەت iPhone نىڭ ئويۇنلىرىنى ئويناش ، كىنو كۆرۈش ، ئالاقىلىشىش ۋە ئۇچۇر يېزىشقىلا ئىشىلتىدىغانلار كۆپەيمەكتە . دەرۋەقە iPhone ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيمەكتە ، بىراق يانفۇننىڭ ئېچكى ئىقتىدارىنى ئىگەللىيەلەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز ، شۇڭا مەن كۆپچىلىككە iPhone نىڭ ئۆزىدىكى كىچىككىنە بىر ئىقتىدارىنى يەنى تېزلىكتە كىرگۈزگۈچ ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى سىلەرگە تونۇشتۇرماقچىمەن .
بىرىنجى قەدەم : ئاۋال ‹‹ ئورۇنلاشتۇرۇش ›› نى چېكىمىز ، ئاندىن ‹‹ ھەممىباب ›› نى چېكىمىز ، كىرگەندىن كېيىن ‹‹ كۇنۇپكا تاختىسى ›› نى ئىزدەيمىز ھەم تاپقاندىن كېيىن ‹‹ كۇنۇپكا تاختىسى ›› تىزىملىكىگە كىرىمىز . چېكىپلا كىرسەك بولىدۇ .
ئىككىنجى قەدەم : كىرگەندىن كېيىن ، كۆپچىلىك iPhone نىڭ ئۆزىدىكى ئۈچ خىل كىرگۈزگۈچنى بايقايدۇ ، بۇ چاغدا ‹‹ كۇنۇپكا تاختىسى قوشۇش ›› نى تاللايمىز .
ئۈچىنجى قەدەم : كىرگەندىن كېيىن ، ‹‹ ھەرپ - بەلگە ›› نى تاللايمىز ، بۇ ۋاقىتتا iPhone نىڭ ئەسلىدىكى كۇنۇپكا تاختا ئالماشتۇرۇش بېتى كۆرۈنىدۇ .
تۆتىنجى قەدەم : ئىپادە كىرگۈزمەكچى بولساق ، ‹‹ ئۇچۇر ›› ۋە ‹‹ كۈندىلىك خاتىرە ئىزاھاتى ›› نى ئېچىپ سىناپ باقساق بولىدۇ ، ئاۋال مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسىنى ئېچىپ راتلەيمىز ، ئاندىن كېيىن ، سول تەرەپ ئاستىدىكى ‹‹ يەر شارى ماركىسى ›› نى چېكىپ كىرگۈزگۈچ ئالماشتۇرساق بولىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved