جۇڭگو ئاخبارات تورى، ئۈرۈمچى، 12-ماي تېلېگراممىسى: شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 12-ماي قاتتىق يامغۇر يېغىپ، نۇرغۇن يېزا-بازارلاردا لاتقا شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بەردى. كەلكۈن كەنت، مەكتەپ، ئاھالىلەرنىڭ ھويلىلىرى ۋە تېرىلغۇ يەرلەردىن ئېقىپ ئۆتۈپ، يەرلىككە 30 مىليون يۈەنگە يېقىن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلدى. خەۋەر يېزىلغان ۋاقىت (13-ئاپرېل 08:37 ) قىچە، بەختكە يارىشا ئادەملەر قازا قىلىش، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاپەتتە كۈنەس ناھىيەسىدىكى 326 ئاھالىنىڭ ئۆيى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان، 1125 مېتىر قورشاۋ تام، 16 قوتان ئۆرۈلگەن، 5225 مو ئېتىز سۇ ئاستىدا قالغان، 238 تۇياق چارۋا ئۆلگەن، 7700 مېتىر يول، 1500 مو ئوتلاق، 410 مو ئورمان، 23 قۇدۇق، 21 ئورۇندىكى كۆۋرۈك، 6000 مېتىر سۇ تۇرۇبىسى ۋەيران بولغان، 1000 مېتىر ئېرىق-ئۆستەڭ تىقىلىپ كەتكەن، كۈنەس دەرياسىنىڭ ئارالتۆبە بازار بۆلىكىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسىدا خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلگەن، پاتقاقلىق ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىمۇ سۇ بېسىپ كېتىپ، 500 مېتىر قورشاۋ تام بۇزۇلغان. ئىستاتىسكا قىلىنىشىچە، بۇ ئاپەتتە جەمئىي 30 مىليون يۈەنگە يېقىن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بولغان. نۆۋەتتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان 58 ئاھالە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، توسۇلۇپ كەتكەن X745 لىنىيەدە قاتناش ئەسلىگە كەلگەن.
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 25-ماي، سىرىلانكا كولومبو، شۇ جايدىكى كەلكۈن چېكىنگەندىن كېيىن، خەلق ئاممىسى ئۆي-ماكانلىرىنى تازىلاپ، يىغىشتۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved