ئۈندىدار ئاممىۋېي سۇپىسى يېڭىلاندى، بىر كىملىككە 5 ھىسابات ئاچقۇزغىلى بولىدۇ

تېڭشۈن پەن - تېخنىكىسى : لەگلەك تورى تەرجىمىسى 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، ئۈندىدار ئورگان تەرەپ ئاممىۋىي سۇپا تىزىملاتقۇچىلارغا قولايلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈندىن ئىتىبارەن تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، مەشغۇلاتلارنى ئاددىيلاشتۇردى. ئىلگىرىكى بىر كىملىككە كۆپ بولغاندا 2 ھىسابات ئېچىش چەكلىمىسىنى تەڭشەپ،بىر كىملىك بىلەن كۆپ بولغاندا 5 ھىسابات ئاچقۇزۇشنى يولغا قويدى.

 


يېڭى تىزىملىتىش ئۇسسۇلىدا، ئاممىۋېي سۇپىلار ئومۇمىي جەھەتتىن ھۆكۈمەت، ئاخبارات ۋاستىلىرى، كارخانا، شەخىس ۋە باشقا تۈرلەر قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە ھىسابات ئاچقۇزغۇچىلاردىن، شۇ تۈرنىڭ تەلىپى بويىچە مۇناسىپ ئىسپاتلار تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇش مەزمۇنلىرى ۋە تەمىنلەش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىسپاتلار ئازايتىلىدۇ.

 


ئورگان تەرەپنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، ئىلگىرى ئاكونت ئاچقۇزۇش بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، تولدۇرۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن ۋە كىتەرلىك ئىسپاتلار كۆپ بولۇپ كەتكەن، يەنە كېلىپ، ئاكونتىنى دەلىللىمەكچى بولغانلاردىن ئوخشاش ئىسپاتلارنى قايتا تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىغان ئەھۋاللار ساقلانغان. يېڭى تىزىملىتىش سېخمىسىدا قەدەم باسقۇچلار ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھىسابات ئاچقۇزىشى قولايلىلاشتۇرۇلغان.

 


يېڭىچە تىزىملىتىش ئۇسسۇلىدا ئاممىۋېي سۇپا تۈرى ئېنىق ئايرىلغاندىن كېيىن ئوخشىمىغان تۈرلەرگە خاس ئۆزگىچە مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەشكە پايدىسى بولىدۇ. مەسىلەن: ھازىرغىچە يولغا قويۇلغان ئۈندىدار دەلىللەش، ئۈندىداردا پۇل تۆلەش، ئىقىم باشقۇرۇش، ئىلان باشقۇرۇش، ئۈندىدار مىكرو دۇكىنى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەشتە، ئاممىۋېي سۇپىنىڭ تۈرىگە ئاساسەن ئاكتىپ ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ. ئوخشىمغان تۈردىكى ئاممىۋېي سۇپىلارغا مۇناسىپ ھالدا ئوخشاش بولمىغان ئاساسىي ئۇچۇرلار كۆرسىتىلىدۇ، ئورگان تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشى مۇنداق:

 


شەخس تۈردىكى ئاممىۋىي سۇپا ھىساباتىنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى ئىگە تەرەپ تىزىملاتقاندا تولدۇرغان ئۇچۇرلار ۋە تەمىنلىگەن كىملىك ئۇچۇرلىرى بولىدۇ.
كارخانا تۈرىدىكى ئاممىۋېي سۇپىلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تىزىملاتقاندا تولدۇرغان ۋە تەمىنلىگەن تىجارەت كېنىشكا ئۇچۇرلىرى بولىدۇ.

 


ھۆكۈمەت، ئاخبارات ۋاستىلىرى، باشقا تۈردىكى ئاممىۋېي سۇپىلارنىڭ ھىسابات ئۇچۇرلىرى تىزىملاتقاندا تولدۇرغان ۋە تەمىنلىگەن تەشكىلىي ئورگان ئۇچۇرلىرى بولىدۇ.

 


ئىلگىرى تىزىملاتقان ۋە دەلىللەشتىن ئۆتكۈزمىگەن ئاممىۋېي سۇپا ئابونىتلىرى ئاممىۋېي سۇپا تۈرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، بىر قېتىملىق ئۇچۇر ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بېرىلىدۇ. دەلىللەشتىن ئۆتكەن ئاممىۋېي سۇپا ئابونتلىرىنىڭ كەسىپ تۈرى ۋە ئاساسلىق ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە بولمايدۇ.

 



خەتكۈچلەر:
28-08-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تېڭشۈن تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئاياللىرىغا جىددىي ئەھۋالدا جىددىي تېلفون قىلىش ۋە ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۈچۈن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى يېڭى قانۇن لايىھەسى تارقىتىپ 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى...
27-04-2016
بۇلتۇر يىل بېشىدا، موتورولا (Moto) جۇڭگو بازىرىغا قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى (مەھسۇلاتى) Moto X نى ئېلان قىلغانىدى، ھەممەيلەنگە مەلۇم، Moto ماركىسىدىكى يانفونلار سىرتقى شەكلىنىڭ لايىھەسى ۋە يانفون يۈزىنىڭ ئادەمگە بېرى...
27-04-2016
    27-ئاپرېل سەھەر سائەت 2:00 دە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەتلىك بوشلۇق پېنى مەركىزى خەينەن ئۆلكىسى دەنجوۋ شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى خەينەن ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە «سۇمۇرغ-1B» بوشلۇق مۇھىت...
27-04-2016
    ئىلگىرىكى ئۇچۇرلاردا سونىي شىركىتى يىقىن كەلگۈسىدە ئېلان قىلىدىغان يېڭى يانفونغا قوش كامېرا ئورنىتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى خەۋەر بۇ ئۇچۇرنىڭ قىسمەن دەرىجىدە راست ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. تورداشلارنىڭ ئ...
27-04-2016
ئالدىنقى كۈنلەردە، «بىر پىلوس» (يىجىيا) يانفون شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مىكرو بىلوگ ئۇچۇرى تارقىتىپ، «بىر پىلوس 3» نىڭ ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يانفوننى كۈتۈشكە ئەرزىيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەر تەرەپلىمە سەپلىمىسىنى...
27-04-2016
    نۆۋەتتە ئاپتوماتىك ھەيدەش ماشىنىسى بىخەتەرلىكى، ۋەقە ۋە سۇغۇرتا قاتارلىق تەرەپلەر يەنىلا نىسبەتەن قىيىن، كىم بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ قانۇن تۈزۈپ مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىشقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، گۇگېل فورد، ۋولۋو...
26-04-2016
    بۈگۈنگىچە بولغان ئەڭ كۈچلۈك ئۇبۇنتۇ يانفونى-مېيزۇ PRO 5 ئۇبۇنتۇ نۇسخىسى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن 3:00 دە جىڭدۇڭدا رەسمىي سېتىشنى قوزغاتتى، باھاسى 369.99 دوللار\2390.14 يۈەن. مېيزۇ PRO 5 ئۇبۇنتۇ نۇسخىسى بۇ يىل MW...
26-04-2016
    HTC يېقىندا يېڭى نۇسخىدىكى بايراقدار ئەقلىيفون HTC 10 نى چىقاردى، لېكىن ئۈن-تىنسىز ھالدا چوڭ قۇرۇقلۇقتا بىر نۇسخا «تۆۋەن سەپلىمىلىك نۇسخا» نى تۇنجى ئېلان قىلىپ، كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. بۇنىڭدىن سىرت...
26-04-2016
   شىياۋمى بۈگۈن شياۋمى 5 ئەزىز نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، باھاسى 2599 يۈەن، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دە شىياۋمى تورىدا سېتىلىدۇ. تونۇشتۇرىلىشىچە، بۇ نۇسخىنى ئىلگىرىكى نۇسخىغا سېلىشتۇرغاندا، ئەسلىدىكى ...
26-04-2016
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «خىرىستىئان دىنى ئىلمىي پەند-نەسىھەتلەر گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 4- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوۋىن تارماق مەكتىپىدىكى ئالىملار تاسادىبىي ھالدا باتارىيەگە نەچچە 100 مىڭ قېتىم ت...
Powered by Leglek