فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلاغاندا، پاكىستان سوتى شۇ جاي ۋاقتى 18-يانۋار پاكىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى مۇشەررەفنىڭ دېلوسىغا ھۆكۈم چىقىرىپ، 2006-يىلدىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىدا گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
مۇشەرەفنىڭ ئادۋوكاتى بىلدۈرۈشىچە، 18-يانۋار ھۆكۈم چىقىرىلغان دېلو مۇشەررەف دۇچ كەلگەن ئۈچ خىل ئەيىبلەشنىڭ بىرى ئىكەن.
ئۇ ئىلگىرى 2007-يىلى بىر دىنىي رەھبەرنى قەسلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى قولغا ئېلىنغان ئىدى.
مۇشەررەف 2008-يىلى 8-ئايدا پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن، 2009-يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيەگە سۈرگۈن بولغان. 2013-يىلى 3-ئايدا پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن، ئەمما سوت سايلامغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن. 2013-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، مۇشەررەگف 3 دېلوغا چېتىشلىق بولغانلىقتىن نەزەربەند قىلىنغان، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاندىن قويۇپ بېرىلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved