بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇرا تۈنۈگۈن جەنۋەدە سۈرىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بىلەن بىرەسمىي سۆھبەتلەشتى، ھەمدە ئەمدىلا باشلانغان سۈرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
دېمىستۇرا مۇنداق دېدى: مەن سۈرىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىگە ئىجابىي ۋە قەتئىي پۇزىتسىيەدىمەن، ھەمدە بۇ كەتكۈزۈپ قويۇشقا بولمايدىغان تارىخىي پۇرسەت دەپ قارايمەن.
ئىگىلىنىشىچە، سۈرىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، سۈرىيەنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىسى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، سايلام ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئاساسلىق قارالمىلارغا چېتىلىدىكەن. تىنچلىق سۆھبىتىدە ۋاسىتىلىق سۆزلىشىش، يەنى ۋاسىتىچى ھەر قايسى تەرەپلەر ئارىسىدا گەپ يەتكۈزۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، بۇ نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئىككى-ئۈچ ھەپتە داۋاملىشىدىكەن، بارلىق تىنچلىق سۆھبىتى يېرىم يىلچە داۋاملىشىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved