ئافغانىستان پرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى زىيارەت ئوبيېكتى جۇڭگو بولدى

فرانسىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ئافغانىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى غەنى پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارەت ئوبيېكتىنى جۇڭگو قىلىپ بېكىتكەن.


فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تور پونكىتىدا 22- ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ 21- ئۆكتەبىر ئېيتىشىچە، ئافغانىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى غەنى كېلەر ھەپتە ئۆمەك باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىكەن. بۇ، ئەشرەف غەنىنىڭ پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق چەتئەلدىكى زىيارەت پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.


خەۋەردە ئېيتىلىشچە، ئافغانىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا زىيارەتنىڭ كونكرېت ۋاقتى بېكىتىلمىگەن، پەقەتلا «جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئافغانىستان پرېزىدېنتى غەنى كېلەر ھەپتە ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىدۇ. ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا، غەنى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگونىڭ باشقا مۇھىم ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ھەمدە بىر تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالايدۇ.» دېيىلگەن.


فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئاساس قىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسمى پات ئارىدا ۋەزىپىسىنى تاماملايدىغان پەيتتە، بېيجىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئافغانىستان بىلەن دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكەن



خەتكۈچلەر:
24-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-04-2016
    فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى» نىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو ئەمگەك نازارەتچىلىك ئىدارىسى شۇ يەر ۋاقتى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى مۇنداق دېگەن: 2013- يىلىدىن بۇيان، بىرازىلىيەدىكى ئولىمپىك ...
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاۋىستىرىيە ۋىنا، شۇ كۈنى نامايشىچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىغا قەغەز يەشىكلەرنى <چېگرا> غا سىمۋول قىلىپ دۆۋىلەپ قويۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۆچمەنلەرنى قىسقارتىش سىياسىتىگە قارشى ئېتىرا...
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىرازىلىيە پايتەختى بىرازىلىيە، 21 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان كومېتىت بىرازىلىيە كېڭەش پالاتاسىدا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېفنى ئەرز قىلىش دېلوسىغا قاراپ چىقىشقا باشلىدى.
26-04-2016
    ياپونىيە بىلەن رۇسىيە يېقىندا دىپلوماتىيە قاتلىمىدا باش ۋەزىر ئابې شىنزونىڭ 5-ئايدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. توكيونىڭ «دۇنيا مىقياسى دىپلوماتىيەسى» بىلەن موسكۋانىڭ «شەرققە قاراش دىپلوم...
26-04-2016
    شىۋېيتسارىيە Ruixun بانكىسىنىڭ سودا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەنگلىيە مانچېستېر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبى بىلەن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىۋېيتسارىيە Ruixun بانكىسى ئەنگلىيە پۇل- مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى FCA...
26-04-2016
    جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى خاس ئەلچىسى شيې شياۋيەن 21–ئاپرېل سۈرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە سۈرىيە زۇڭتۇڭىنىڭ سىياسىي، ئاخبارات مەسلىھەتچىسى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەن. ئىككى تەر...
26-04-2016
   ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرى كارتېر 18–ئاپرېل ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئامېرىكىنىڭ ئىراققا 200 نەچچە كىشىلىك قوشۇن ۋە بىر نەچچە «ئاپاچ» ناملىق قوراللىق تىك ئۇچار ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كارتېر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ...
26-04-2016
    روسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات تورىنىڭ 25- ئاپرېل خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاناتولى ئانتۇنوف روسىيە-24 تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: روسىيە ئاسىيا-...
26-04-2016
    4-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدىكى مالبېك مېترو بېكىتىنى زىيارەت قىلغان. شۇ كۈنى، ئالدىنقى ئايدا تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان مالبېك مېترو بېكىتى قايتا ئېچىۋېتىلگەن. بۇ...
26-04-2016
    يېقىندا داڭلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى جەيسىن سىتاسام ۋە تەنناز چولپان جېسسىكا ئالبا باش رول ئالغان فىلىم «مېخانىك2: تىرىلىش»نىڭ تۇنجى فىلىم سۈرىتى ئېلان قىلىندى. بۇ فىلىمدە يەنە كىنو چولپىنى ياڭ زىچيوڭ، تومى لىجونىس ...
Powered by Leglek