جاھان ئاگېنتلىقى 30-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقلابچى كۈچلەر مىللىي ئىتتىپاقى باشلىقى خالىد خوجا، ئامېرىكىدىن سۇرىيەدە بىخەتەر رايۇنلارنى قۇرۇش ھەققىدە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. خالىد خوجا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ۋاشىنگتوندىن سۇرىيەدە بىخەتەر رايۇنلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى. ئۇ سۆزىدە، سۇرىيە پرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ سۇرىيە خەلقىگە قىلغان جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن سوتقا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، ئەسەد سۇرىيەنىڭ كەلگۈسىدە بىرەر تەرەپ بولىدىغان بارلىق قانۇنىيلىقىنى يۇقاتتى، دېدى. كېررىي، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ لوگىكا ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يۇقاتقانلىقى ۋە شۇ سەۋەبتىن بومباردىماننى داۋاملاشتۇرغانلىقى ۋە نۇرغۇن پۇقرانىڭ كۆچۈشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى تىلغا قىلدى. كېررىي يەنە، سۇرىيەدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ دۆلەتكە تېرورچىلارنى پەيدا قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، « بۇ سەۋەبتىن ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن خەلقكە ۋەكىل بولىدىغان ۋە خەلق ئۇچرىغان زىياننى تۆلەيدىغان بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچى بولۇشى كېرەك» دېدى.
سۇرىيە ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى چارشەنبە كۈنى سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن ماي ئېيىدا جەنۋەدە ئۆتكۈزىلىدىغان سۇرىيە ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. سۇرىيە ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى سۇرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىىيەتتىن چۈشۈشى،ۋە ئۇلاردىن ھېچبىر تەرەپنىڭ سۇرىيە كەلگۈسى ۋە ئۆتكۈنچى مۇساپىسىدە ئورۇن ئالماسلىقى كىرەكلىكىنى تەكتىلىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved