بەيدۇ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
زۇڭلى لى كېچىياڭ 4-ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا دانىيە ئايال پادىشاھى مارگارىت ئىككىنچى بىلەن كۆرۈشتى .لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ ئايال پادىشاھ ئالىيلىرى بىلەن مول مەزمۇنلۇق سۆھبەتلەشتى ،دانىيە جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ، ئىزچىل ساغلام راۋاجلاندى ،جۇڭگو دانىيە بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ، ئورتاق تەرەققى قىلىش پرىنسىپ ئاستىدا ،جۇڭگو دانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ،جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ ، مەن جۇڭگو بىلەن دانىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ ,ئېچىش ، پاكىز ئېنېرگىيە ،مائارىپ ،مەدەنىيەت ،ئېكىلوگىيىلىك قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھالقا ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ شەھەرلەشتۈرۈش مۇناسىۋەت رامكىسى ئىچىدە ،ئىككى تەرەپنىڭ يېشىل ،ئەقلى ئىقتىدارلىق شەھەر ھەمكارلىشىش سىناق نۇقتىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلىشىنى ،ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ئادىل ئۇچۇق ئېچىۋېتىلگەن مۇقىم مەبلەغ سېلىش ، ۋە تىجارەت مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ،.
مارگارىت 35 يىلدىن كېيىن جۇڭگودا قايتا زىيارەتتە بۇلۇپ ،جۇڭگونىڭ غايەت زور تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى ، ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇش بولغانلىقىنى بىلدۈردى ،ئىككى دۆلەتلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىت قىلدى .مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجىياڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خەلق سارىيىدا دانىيەنىڭ ئايال پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى .
جاڭ دېجىياڭ مۇنداق دېدى :‹ پادىشاھ ئالىيلىرى ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو دانىيە ھەمكارلىقى ۋە دوستلۇق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى ،بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بۇلۇش مەزگىلىدە ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالىيلىرى بىلەن ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە مۇھىم ئورتاق تونۇشقا كېلىشى ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ساغلام راۋاجلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ، جۇڭگو دانىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ،ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان كەڭ ئورتاق تۇنۇشىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ،جۇڭگو دانىيە ئومۇميۈزلۈك سىتىراتېگىيلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ .بىز دانىيە پارلامىنتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ قانۇن چىقىرىش ،دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ،ھاكىمىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز -ئارا ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ ،ئۆز دۆلەتلىرىمىز قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى خالايدۇ ›.
مارگارىت ئىككىنچى مۇنداق دېدى :‹مەن جۇڭگونىڭ قىزغىن كۈتىۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن .دانىيە جۇڭگو خەلقلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر ھېسسىيات بار . ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىدۇ ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved