تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر تورداش يولدا زامانىۋىي جياڭ جيېشىنىڭ سۈرىتىنى تارتىۋالغان بولۇپ، يەنە سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ھەممىسى دەۋرنىڭ كۆز يېشى.
بىراق بۇ تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. تورداشلار: 5 كوي (تەيۋەن رايونىدا 1981-يىلى تارقىتىلغان 5 يۈەنلىك تەڭگىگە جياڭ
جيېشىنىڭ باش سۈرىتى بېسىلغان) كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى.
رەسىمنىڭ %100 ئوخشاشلىقى تورداشلارنىڭ قىزغىن بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى تارىختىن مېڭىپ چىققاندەكلا ئوخشايدىكەن دېگەن. «ياسىنىش قىياپىتىدىن تارتىپ بەك ئوخشايدىكەن، بەك قالتىسكەن». يەنە بەزى تورداشلار مۇنداق دېگەن «مېنىڭ مەكتەپ مارىشى» ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ؛ جياڭ جيېشى دەۋردىن ھالقىپ كەلدىمۇ قانداق؟» ئەمەلىيەتتە بۇ زامانىۋى جياڭ جيېشىنىڭ ئەسلى ئىسمى لى دېڭكې بولۇپ، ياش ۋاقتىدا ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، كېيىن جياڭ جيېشىنىڭ يېنىدا ياساۋۇل بولغان، پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن پىدائىي بولغان.
يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ چېچى بەكلا چۈشۈپ كەتكەن، تۇيۇقسىز ئۇ سىرتقى قىياپىتىنىڭ جياڭ جيېشىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قەستەن جياڭ جيېشىغا ئوخشايدىغان بۇرۇت قويۇپ، يەنە جۇڭسەن فورمىسى كىيگەندىن كېيىن، ئۇنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جياڭ جيېشى قايتا تىرىلگەن ئوخشايدۇ دەپ قالغان.
لى دېڭكې جياڭ جيېشىنىڭكىگە ئوخشايدىغان بۇرۇت قويۇپ، جۇڭسەن فورمىسى كىيگەندىن كېيىن ئۇنى كۆرگەن كىشىلەر جياڭ جيېشى تىرىلگەن ئوخشايدۇ دەپ قالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved