ئىراق ۋەزىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى

ئىراق ۋەزىيىتى يېقىندا ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرنىڭ ئىراقتىكى قۇراللىق ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قاراتقان سىياسىتى بۇ رايوندىكى قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىنى ئوڭشىيالمىدى، دەپ ھېسابلىدى.


ئىراقنىڭ نىنەۋە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، ئىراقنىڭ 2-چوڭ شەھىرى ماۋسۇردىن كېيىن، سەلەختىن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تىكلىت شەھىرى 11-ئىيۇن ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم ئىگەنلىۋېلىندى. بۇندىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئىراق زۇڭلىسى مالىك تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۈكسەك ھوشيارلىق ئىچىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلاپ، خەلق پارلامېنتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىشىنى مۇراجەت قىلدى. 11-ئىيۇن، سۇرىيەنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى دەيزۇر ئۆلكىسىدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن بازا تەشكىلاتىغا قاراشلىق غەلبە فرونتىدىن ئىبارەت ئىككى ئەسەبىي تەشكىلات ئوتتۇرسىدىكى جەڭ 4-كۈنگە قەدەم قويۇپ، ئاز دېگەندە 45 كىشى قازا قىلدى. ئوتتۇرا شەرق رايونى بۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر ئۇرۇش قالايمىقانچىلىق ئىچىگە كىرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى قىيىنچىلىق ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقى ئايان بولۇشقا باشلىدى.


مالىك سۆزىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشىنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىراق بىلەن بولغان چېگراسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، تېررورچىلارنىڭ ئىراققا سىڭىپ كىرىشىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلدى. مالىك ئىراق خەلقىنىڭ ئارمىيەگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ۋەتەننى قوغداشقا چاقىردى، بىراق 10-ئىيۇن كەچتە، ئۆكتىچى قۇراللىق كۈچلەر يەنە باشقا بەش شەھەر بازارنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، 150 مىڭ ئىراق پۇقراسى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلدى.


ماۋسۇرنى ئىگىلىۋالغانلار ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت ئەسەبىي تەشكىلاتقا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار 6-ئىيۇندىن باشلاپ ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ئىلىپ بارغان شىددەتلىك ئۇرۇشىدا ئېغىر ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرى كېلىپ چىقتى، نىنەۋە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئاسىر نۇجېف 10-ئىيۇن شۇ يەردىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: قۇراللىق ئۇنسۇرلار ماۋسۇر شەھىرىنىڭ تىگىرېس دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى كونترول قىلدى. تىگىرېس دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقى رايونى ئەسلىدە ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمنىڭ كونتروللۇقىدا ئىدى، بىراق بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىخەتەرلىك قىسىمى چېكىنىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، شۇڭا قۇراللىق ئۇنسۇرلار بۇ رايوننى توسالغۇسىز ئىگىلىگەن. ئۇندىن باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىغا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ بايرىقى ئېسىلغان، ئىراق پارلامېنتى ئارقىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پۈتكۈل نىنەۋە ئۆلكىسىنىڭ قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قولغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇندىن باشقا قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ سەلەختىن ئۆلكىسىگە يېقىنلاشقانلىقىنى، سەلەختىن ئۆلكىسىنىڭ شەرقەت شەھىرىدىكى بىر ھەربىي ئايرودرومىنىڭ قۇراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئىگىلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا 2011-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كىيىن، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، مەملىكەت ئىچىدىكى پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش، قۇراللىق توقۇنۇش ئۈزۈلمىدى. سۇننى مەزھىپىدىكىلەرنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلەر يېتەكچى قىلىنغان ھۆكۈمەت بىلەن بىخەتەرلىك قىسىمغا بولغان نارازىلىقى كۈنسېرى كۈچەيدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇرىيە كرىزىسىدىن ئىبارەت تاشقى تەسىر ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق دىنى ئەسەبىي قۇراللىق كۈچلەرنىڭ ئىراق بىلەن سۇرىيەدە زورىيىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. 6-ئاي كىرگەندىن كېيىنكى ئون كۈندە، ئىراقتا مەملىكەت بويىچە 500 دىن كۆپرەك كىشى تۈرلۈك توقۇنۇشتا قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا 2 مىڭدىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى.


مىسىر ئەل ئېھرام تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى مۇھەممەت فاراخات مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: قۇراللىق ئۇنسۇرلار ئىراقنىڭ 2-چوڭ شەھىرى ماۋسۇرنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ئىراقنىڭ مەملىكەت ئىچى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلاشتى. بۇ ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئامېرىكا ئىراقتىن ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈپ، بىخەتەر ۋەزىيەتكە بولغان ئەندىشىنى قالدۇرۇپ، ئىراق خەلقىنى غايەت زور ئازابقا ئۇچراتتى.
11-ئىيۇن، سۇرىيەنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى دەيرئەززەۋر ئۆلكىسىدە ئىسلام دۆلىتى بىلەن غەلبە فرونتى ئوتتۇرسىدىكى شىددەتلىك جەڭ تۆتىنچى كۈنگە قەدەم قويدى، بۇندىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، ئىسلام دۆلىتى بۇ ئۆلكىنىڭ شىمالى رايونىنى قورشاۋغا ئالغان ھەمدە يۈزدىن كۆپرەك پۇقرانى تۇتقۇن قىلغان.
نۆۋەتتە، ئاز دېگەندە 12 مىڭ چەتئەللىك ئەسەبىي ئۇنسۇر سۇرىيەدە غازات ئۇرۇشى ئېلىپ بارماقتا، چەتئەللەردىكى كۈچلەرنىڭ ئۈزۈلمەستىن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا شام ئىسلام دۆلىتى ۋە كۆپلىگەن دىنى ئەسەبىي گۇرۇھلار شۇ يەردە يامراشقا باشلىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى چوڭ دۆلەت بولغان ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىدى، گەرچە ئامېرىكا يېقىندا ئۆكتىچى گۇرۇھ بولغان مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىغا قورال جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئىزچىل تۈردە بۇ ياردەم بېرىلگەن قۇراللارنىڭ ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلدى.


سۇرىيەلىك سىياسىي تەھلىلچى سالام مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بولغان كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ رايون ئىستراتېگىيەسىنىڭ تارايغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بىراق تېخىمۇ مۇھىم بولغان سەۋەب ئامېرىكىنىڭ ۋاكالەتچى ئارقىلىق، ئوتتۇرا شەرق رايونىنى كونترول قىلىش قېلىپى ئۈنۈملۈك بولمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زومىگەرلىك ھوقۇقنى يۈرگۈزۈش پوزىتسىيىسى بىلەن قىممەت قارشىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك.


ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشىغا قارىتا ئوباما ھۆكۈمىتى ئىراق ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت يەتكۈزىدىغان تېررورچى تەشكىلاتقا تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغانلىقى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىپ ئاۋاز قوشۇشىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق ۋەدە بەرمىدى.


بۇنىڭغا قارىتا، تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافغانىستان، مالى، لىۋىيەدىن سۇرىيەگىچە، ئالدىنقى سەپ ئىتتىپاقى ئانچە ئىشەنچلىك بولمىغان ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بايلىقىنى بىۋاسىتە تېررورچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 10-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، بۇنداق ئەھۋاللار يېقىندا كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ماۋسۇرغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى قالدۇرغان ھەربىي فورمۇلارنى ۋە قورال ياراقلارنى يۈتۈۋالغانلىقى توغرىسىدىكى سۈرئەتلەر ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكا ئىراققا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بەرسە ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، دېگەن ئەربابلارنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قالغان.


ۋاشىنگتون ئەقلى ئىسكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىمى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تېررورلۇق ۋەزىيىتى يەنىلا ئەۋج ئالماقتا، كۆپلىگەن رادىكال تەشكىلاتلار پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت يەتكۈزمەكتە، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى مەغلۇپ بولدى. بىراق ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردىمى ئەگەر تېررورچىلارنىڭ قولغا چۈشۈپ كەتسە، بۇنى رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ھەل قىلغۇچى ئامىل دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا سۇرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى قوللاشنى يەنىمۇ زورايتىشى كېرەك، بىراق ئەڭ ئاخىردا بۇنىڭ رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۆزگەرتمەسلىكىنى مۆلچەرلەش قىيىن.



خەتكۈچلەر:
16-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇچە رادىيو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek