2015–يىللىق ئاسىيا–ياۋروپا تاۋارلار يەرمەنكىسى ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلىدۇ

چېن چياڭۋېينىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، 2015 – يىللىق ئاسىيا – ياۋروپا تاۋارلار يەرمەنكىسى 12 – ئاۋغۇستتىن 16 – ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ يەرمەنكىنى جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسى بىلەن سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تاشقى سودا تەرەققىيات ئىشلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىدىكەن. 2015 – يىللىق ئاسىيا – ياۋروپا تاۋارلار يەرمەنكىسىدە ‹‹يىپەك يولى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا – ياۋروپانىڭ كەسىپلەر بويىچە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› باش تېما قىلىنىپ، ئاز، ساز، كەسپىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، توقۇلما كىيىم – كېچەك يەرمەنكىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك يەرمەنكىسى، ئۈنچە – مەرۋايىت، قاشتاش ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى ۋە چېگرا سىرتىدىكى ئېسىل مەھسۇلاتلار يەرمەنكىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ يەرمەنكە رايونى تەسىس قىلىنىدىكەن، يەرمەنكە كۆلىمى جەمئىي 42 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى يۈ خۇەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 2014 – يىلى 24 – ئاۋغۇست ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 58 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا 2014 – يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ‹‹بىر يەرمەنكە، بىر كۆرگەزمە›› ئەندىزىسى بويىچە ئۆتكۈزۈش، قوش يىلدا يەرمەنكە، تاق يىلدا سودا خاراكتېرلىك كەسپىي كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان 2015 – يىللىق ئاسىيا – ياۋروپا تاۋارلار يەرمەنكىسى جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، يەرمەنكە – كۆرگەزمە ئىقتىسادىنىڭ شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە سودا ھەمكارلىقىدىكى تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
19-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    رۇسىيە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ دانلىق زىئارەت ھەمدە ياسالما مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 10 مىليون 1...
26-04-2016
  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 26-ئاپرېلدىن 5-مايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى قوي ۋە كالا گۆشىنى بىۋاستە ساتىدىغان 13 نۇقتىدا سېتىش تېزلىتىلىپ، قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 39.8 يۈەن، كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 47 يۈەندىن سېتىلىدىكەن.    ...
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
Powered by Leglek