جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان «قۇياش ئېنېرگىيەسى 2-نومۇر» 22-ئاپرېل سەھەر نەنجىڭ لۇكوۋ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كېلىپ، جىنلىن تاموژنىسىنىڭ لۇكوۋ ئايرودۇرۇمىدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى تەكشۈرۈپ دەلىللەش بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، «يەر شارى سەپىرى»نىڭ «نەنجىڭ بېكىتى»گە قوندى.
«قۇياش ئېنېرگىيەسى 2-نومۇر» ناملىق بۇ ئايروپىلان دۇنيادىكى كېچىدە ئۇچالايدىغان تۇنجى قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئايروپىلان بولۇپ، ھېچقانداق يېقىلغۇ قوشۇلمىغان، ھېچقانداق بۇلغىما مادىللارنى قويۇپ بەرمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا كېچىدە توختىماي ئۇچالايدۇ. ئۇ دۇنياغا پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ مۇھىم تەرەققىياتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن 9-مارت ئەبۇزەبىدىن يولغا چىقىپ، «يەر شارى سەپىرى»نى باشلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved