رۇسىيە مۇستەقىللىق تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا قازاقىستان ئوۋچىلىرىنىڭ بۆرىنى خورلىغانلىق توغرىسىدىكى سىن كۆرۈنۈشى تورغا چىقىرىۋېتىلگەن. بۇ سىن كۆرۈنۈشىدە، ئوۋچىلار ماشىنا بىلەن بۆرىنى بېسىۋېتىپ، ھەمدە ئۇنىڭ بېشىغا تەپكەن.
سىن كۆرۈنۈشىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، يارىلانغانلىق ياكى چارچىغانلىق سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، بۇ بۆرىنىڭ قاچقۇدەك ياكى قارشىلىق كۆرسەتكىدەك ھالى قالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئوۋچىلار ماشىنا بىلەن بۆرىنىڭ ئارقا پۇتىنى بېسىپ، يەنە ئۇنى تەپكەن، ئارقىدىنلا بۇ بۆرىنى باغلىغان.
قازاقىستاندىكى ئوۋچىلارنىڭ بۆرىنى خورلىغانلىق سىن كۆرۈنۈشى بولسا توردىكى كۆرىۋېرىپ كۆنۈپ قالىدىغان ھالەتكە ئايلىنىپ قالغان. بۇندىن بۇرۇن، قازاقىستاندىكى كۆپ ساندىكى ئوۋچىلارنىڭ بۆرىنى خورلاش سىن كۆرۈنۈشى توردا ئەيىبلەنگەن. سىن كۆرۈنۈشىدە، بەزى ئوۋچىلار بۆرىنىڭ پۇتىنى ئۇرۇپ سۇندۇرىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە رەھىمسىزلەرچە قورالنى بېسى بىلەن بۆرىنىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇرغان. يەنە بەزى ئوۋچىلار بولسا بۆرىنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىش ئۈچۈن، قولى بىلەن جان تالىشىۋاتقان بۆرىنىڭ قۇلىقىدىن راسا تارتىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا سۈرەتكە چۈشكۈزگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved