ئافغانىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

جاھان ئاگېنتلىقى 24-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستاننىڭ ۋارداك ۋىلايىتىدە بىر توپ قۇراللىق كىشىلەر بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ھۇجۇم قىلىپ 13 كىشى ئۆلدى. ئافغانىستان دائىرلىرى، دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا ساياھەتكە بارغان يولۇچىلار ئاپتۇبۇسى قۇراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ۋارداك ۋىلايىتىدىكى بۇ ھۇجۇمدا يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە 13 نەپەر يولۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ۋارداك ۋالىيسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ ھوگياناينىڭ ئېيتىشىچە، بىر كىچىك بالا ۋە يەنە بىر كىشى يارىلانغان.
ئاتائۇللاھنىڭ ئېيتىشىچە، «قوراللىق كىشىلەر غازنە رايۇنىغا بارغان بىر يۈك ماشىنىسى ۋە بىر مىنبۇسقا ئوق چىقارغان ئەمما بۇ ماشىنىدىكىلەردىن بىرەر كىشى يارىلانمىغان، بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ يۈزى نىقابلىق بولۇپ قارا كىيىم كىيىۋالغان».
بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى تېخىچە بىرەر تەرەپ ئۈستىگە ئالمىدى.
بۇنىڭدىن باشقا ئافغانىستاننىڭ غازنە ۋىلايىتىنىڭ كازەكالا رايۇنىدا بىر ۋېلىنسىپىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پۇتبول مەيدانىدا پارتىلاپ بەش نەپەر بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 10 بالا يارىلاندى. غازنە ۋىلايىتى ساقچى باشلىقى ئەسەدۇللاھ ئىنسافى، دۈشەنبە كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان بالىلارنىڭ 10-15 ياش ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، بىر قىسىم يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تالىبان ھەرىكىتى باياناتچىسى، ئافغانىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىلغان بىر راكىتانىڭ پۇتبول مەيدانىغا چۈشكەنلىكىنى ۋە نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن ئايدا نىقابلىق بىر توپ قۇراللىقلار ئاز سانلىق شىئە ھازەرىيلەردىن 30 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. ئافغانىستان ئىجرائىيە ھەيئىتى باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا زىيارەتكە باردى. ئافغانىستاندا ھازىر مەۋجۇت بولغان 10 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ مەسىلىسى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتىدۇ. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىنى 2016-يىلىغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇشىنى خالايدۇ.
ئامېرىكا 2001-يىلى باشلىغان ئافغانىستان ئىشغالىيتى13 يىلدىن كېيىن ئ‍اخىرلاشتى.



24-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek